باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىردا يۈز بەرگەن پۇتبول مەستانىلىرى قالايمىقانچىلىقىدىكى 21 جاۋابكارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى(2)

2013.03.13 09:53  

مىسىردا يۈز بەرگەن پۇتبول مەستانىلىرى قالايمىقانچىلىقىدىكى 21 جاۋابكارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى(2)

  سوتنىڭ بۇ ھۆكۈمى نۇرغۇن ئادەمنى غەزەپلەندۈرگەن. 9-مارت، مىڭغا يېقىن ئادەم قاھىرەگە جايلاشقان مىسىر پۇتبول بىرلەشمىسى باش ئىشتاب بىناسىغا بېسىپ كىرىپ، ئوت قويغان. ئارقىدىنلا قاھىرەنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى بىر ساقچىلار كۇلۇبىغا كېلىپ، بۇ يەرنىمۇ كۆيدۈرگەن. بۇلاردىنمۇ غەزىپى بېسىلمىغان بۇ كىشىلەر يەنە نىل دەرياسى كۆۋرۈكىگە كېلىپ، قاھىرەدىكى بەلگە خاراكتېرلىك، ئاۋات بۇ جاينى قامال قىلىۋالغان ۋە ئارقىدىن يېتىپ كەلگەن ھەربىي-ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان، ئىككى ئادەم توقۇنۇشتا قازا قىلغان.

  مىسىر «خەۋەرلەر گېزىتى» 10-مارت ئېلان قىلغان بىر ئوبزوردا دېيىلىشىچە، سەئىد پورتىدا يۈز بەرگەن پۇتبول مەستانىلىرى قالايمىقانچىلىقى ۋەقەسىنىڭ ئاخىرقى سوت ھۆكۈمى كەلتۈرۈپ چىقارغان زوراۋانلىق توقۇنۇشى پەقەت مىسىرنىڭ نۆۋەتتىكى قالايمىقان ۋەزىيىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن بىر كارتىنىسى ئىكەن. ئەمەلىيەتتە، مىسىرنىڭ ۋەزىيىتى يېقىندىن بۇيان ناھايىتى قالايمىقان بولۇپ، سەئىد پورتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەردە ئارقا-ئارقىدىن توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نەچچە يۈز ئادەم قازا قىلغان ياكى يارىلانغان.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز