باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى(1)

2013.03.12 08:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىغا قاراپ مېڭىش مۇساپىسىدا، خەلق سىياسىي كېڭىشى كونا، يېڭى رەھبەرلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئوڭۇشلۇق ئالماشتۇردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ 11-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 23 مۇئاۋىن رەئىسى سايلاپ چىقىلدى. سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن يىغىن مەيدانىغا كېلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  يىغىن رىياسەتچىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، جيا چىڭلىن بىلەن يۈ جېڭشېڭ قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزۇنغىچە ئالقىش ياڭرىدى. يىغىندا سايلاپ چىقىلغان سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى تۆۋەندىكىچە: دۇ چىڭلىن، لېڭ جىخۇا، خەن چىدې، پابالا گېلىلاڭجى، دوڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، خې خۇخۇا، جاڭ چىڭلى، لى خەيفېڭ، سۇروڭ، چېن يۈەن، لۇ جەنگوڭ، جۇ شياۋچۈەن، ۋاڭ جيارۈي، ۋاڭ جېڭۋېي، مابياۋ، چى شۈچۈن، چېن شياۋگۇاڭ، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر