- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 10-مارت باشلاندى
2013.03.11 15:49 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
10-مارت ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2013-يىللىق ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ، ئىچكىردىكى شىنجاڭ كەسپىي سىنىپلىرى ، ئىچكىردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى . شۇ كۈنى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ناھىيە ، شەھەرلەردىكى ئاۋات رايونلاردا تەسىس قىلىنغان تەشۋىقات نۇقتىلىرىدا خىزمەتچى خادىملار خەنزۇچە ، قازاقچە ، موڭغۇلچە، قىرغىزچە قاتارلىق بەش خىل تىلدىكى تەشۋىقات ۋەرەقچىسىنى تارقىتىشقا باشلىدى . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 9000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.
بۇ يىل ، ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 8700 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ ، ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن كېڭەيگەن . ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرىغا 3300 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ ، ئىچكىردىكى شىنجاڭ كەسپىي سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 9900 گە يەتكۈزۈلىدىكەن .
مائارىپقا باغلانغان رىشتە
بۇ يىل ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى توققۇز مىڭدىن ئاشىدۇ
شىنجاڭلىق بالىلار چىڭداۋدا ماختاشقا ئېرىشتى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە