باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ئۇنۋان چەتئەل تىلى ئىمتىھانى ئىسلاھاتى سىناق قىلىنماقتا

2013.03.12 08:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ شياۋچۇ 11-مارت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: نۆۋەتتە ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن ئېلىنىدىغان چەتئەل تىلى ئىمتىھانى ئىسلاھاتى سىناق قىلىنىۋاتىدۇ، سىناقنىڭ يۆنىلىشى ئوخشاش بولمىغان كەسىپلەر ۋە ساھەلەر بويىچە ئايرىلىدۇ شۇنداقلا ئەمەلىيەت تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

  ۋاڭ شياۋچۇ ئۇنۋان چەتئەل تىلى ئىمتىھانىنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە مۇنداق دېدى: كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئازراق چەتئەل تىلىنى ئىگىلەش ئۆزى قىلىۋاتقان خىزمەت ئۈچۈن زۆرۈر، چەتئەل تىلى ھەققىدىكى ئاساسىي تەلەپمۇ ھەقلىق ، بىر يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىس ئەگەر چەتئەلنىڭ ئالاقىدار ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى پەن تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىنى بىلمىسە تېخىمۇ يۇقىرى كەسپىي، تەتقىقات سەۋىيەسىگە يېتەلمەيدۇ.

  ۋاڭ شياۋچۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ سىناق قىلىشىمىز ئۇنۋان چەتئەل تىلى ئىمتىھانىنى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كەسپىي چەتئەل تىلى ئىمتىھانىغا ئايلاندۇرۇش، قىلىۋاتقان ئالاقىدار كەسىپلەر بويىچە ئوخشاش بولمىغان چوڭ ساھەلەرگە ئايرىپ، ئەمەلىي تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈندۈر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}