تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ، كىتاب ماتىرىياللارنى ئاسراشتەك ياخشى ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، قەشقەر شەھەرلىك 28- ئوتتۇرا مەكتەپ يېقىندا مەكتەپتە تۇنجى نۆۋەتلىك «كىتاب تاللا بازىرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 540 نەپەر ئوقۇغۇچى ئۆزلىرى ئوقۇپ بولغان ھېكايە، نەسىر، شېئىر، رەسىملىك كىتابلارنى «تاللا بازىرى»دا تۆۋەن باھادا ئىھتىياجلىق ساۋاقداشلىرىغا سېتىپ بىرىپ، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، بىلىم ئۆگىنىش دائىرسىنى كېڭەيتتى.
سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش
ئادىرىسى: قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى