باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>تەرەققىياتلار

ئۈرۈمچى شەھىرى پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى 601 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى

2014.11.18 13:27         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «2015 – يىللىق مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ھەقسىز ئوقۇغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى»دا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 90 نەچچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ كېلەر يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى 601 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگۈچى مەكتەپلەر بىلەن ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچراشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شەرقىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوتتۇرا جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان ئالتە ئۇنىۋېرسىتېتتىن كەلگەن. شۇ كۈنى پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ھەقسىز ئوقۇغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئىچكىرىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، بۇ تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 75 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوڭ چېڭشياڭ: بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى بىر قەدەر يۇقىرى، بىز بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتىپىمىزدە ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2015 – يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزىدىغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى 630 بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ئالاھىدە مائارىپ، يەسلى مائارىپى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەرقايسى پەنلەر مائارىپى قاتارلىق 20 نەچچە خىل كەسىپتە ھەقسىز ئوقۇغان ئىكەن. بۇ، «مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ھەقسىز ئوقۇغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى»نىڭ 4 – قېتىم ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈشى ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر