باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باج يېغىشنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باجدىن چەتنەشكە قارشى تۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2014.11.24 15:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا تارقالغان خەۋەرگە قارىغاندا، خەلقئارا جەمئىيەت تەدبىر قوللىنىپ، خەلقئارا باج يىغىش سىستېمىسىنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باج ئېلىش ئاساسىنى قوغدايدىكەن ھەمدە كېلەر يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ باجدىن قېچىشىغا تاقابىل تۇرىدىغان 15 تۈرلۈك ھەرىكەت پىلانىنى تاماملاپ بولىدىكەن. جۇڭگونىڭ خەلقئارا باجدىن چەتنەشكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشى- ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ باجدىن چەتنەش يولىنى تېخىمۇ ياخشى تۈزەپ، باجدىن چەتنەشكە قارشى تۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، باجدىن چەتنەشكە قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باج ئېلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يولغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

  «بازار ئىقتىسادى ھەرىكىتى ئاقىلانە بولۇش» كېرەك دېگەن قىياسقا ئاساسەن، ھەر بىر ئادەمنىڭ پايدىغا يۈگۈرۈپ زىياندىن ئۆزىنى قاچۇرۈش خاراكتېرى بار. شۇڭلاشقا، خەلقئارا «باجدىن چەتنەش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنى «باج ئوغۇرلاش»، «باجدىن قېچىش»نىڭ بىۋاستە سەلبىي تەسىردىن ساقلاپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە «باجدىن چەتنەش» بىر قىسىم دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ باج ئوغۇرلاش، باجدىن قېچىشنىڭ قانۇنلۇق نىقابى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقئارادا باجدىن چەتنەش- ئېلىمىزنىڭ باج كىرىمىنىڭ يۇقاپ كېتىشىدكى مۇھىم سەۋەبى بولۇپ، ئېلىمىز مالىيەسىگە بارغانسىرى زور زىيان پەيدا قىلدى. باج ئېلىشنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە باج ئېلىش مۇساپىسىنى تېزلىتىىش- جىددى ۋە ئەمەلىي ۋەزىپە.

  تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ باج قانۇنى ۋە باجدىن چەتنەشكە قارشى تۇرۇش تۈزۈمىنىڭ كۈنسېرى قاتتىق بولۇشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارادا باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باجدىن چەتنەش ئۇسۇلى تېخىمۇ ئەپچىل ۋە يۇشۇرۇن بولماقتا، بۇنىڭ باج ئېلىشنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشى مۇكەممەل بولمىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، زىيىنى تېخىمۇ رۇشەن. خەلقئارادا باجدىن چەتنەشكە مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيە تەتقىقاتىنىڭ تېزلىشىشى، خەلقئارادا باجدىن چەتنەشكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىش- ئاددىي ھالدا مەملىكەت ئىچىدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش ھەتتا مەمۇرى تەستىق ھوقۇقىنى كۈچەيتىشلا بولماستىن، داۋاملىق باجدىن چەتنەشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، باج يىغىشنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل پىشىپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر