باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە: چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى بىۋاسىتە ئۇرۇش تەھدىتنى پەيدا قىلمايدۇ

2014.11.25 00:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسى بويىچە سەييارە باش ئەلچىسى 22-نويابىر مۇنداق دېدى: رۇسىيە تەرەپ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسى بىۋاسىتە ئۇرۇش تەھدىتى پەيدا قىلمايدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن 2014-يىللىق خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك يىغىنىدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى پەسىيىشكە باشلىدى، رۇسىيە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ چاۋشيەنگە نامۇۋاپىق ھالدا قۇراللىق تەھدىت سېلىشىغا ۋە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش تەدبىرىگە دىققەت قىلماقتا. ئۇ مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىر ئۇزاق مۇساپە بولۇپ، لايىھەنى ئورۇنلاشتا، يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى ئاساسىدا، سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالتە تەرەپ سۆھبىتى چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئەمەلىي ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ھازىرلاپ بەردى، ھەر قايسى تەرەپلەر سۆھبەتنى قايتىدىن باشلاشقا نامۇۋاپىق شەرتلەرنى قويماسلىقى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر