باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق ئارمىيەسى غەربىي قىسىمدا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە ھۇجۇم قوزغىدى

2014.11.24 23:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئىراق ئارمىيەسى 22-نويابىر ئىراقنىڭ غەربىيدىكى ئەنبار ئۆلكىسى بىلەن شىمالىيدىكى سالاھىدىن ئۆلكىسىدە «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا ھۇجۇم قوزغىغان.

  ئىراق ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن شۇ يەردىكى قەبىلە قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئىراق ئارمىيەسى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئەنبار ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى رامادى شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدا چوڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، يېقىندا بۇ رايوننى ئىگىلىۋالغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» قۇراللىق خادىملىرىنى تازىلىغان. ئىراق ئارمىيەسى رامادى شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋە ئۇنىڭغا يېقىن جايدىكى سانائەت رايونىنى قايتۇرۇۋالغان، ئىككى تەرەپ رامادى شەھىرىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش ئۈچۈن يەنىلا داۋاملىق شىددەتلىك جەڭ قىلماقتىكەن.

  شىمالدىكى سالاھىدىن ئۆلكىسىدە، ئىراق بىخەتەرلىك قىسىم شۇ كۈنى بۇ ئۆلكىنىڭ مەركىزى تىكرىت شەھىرى بىلەن پايتەخت باغدادنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر قىسىم ئاساسلىق يوللارنى قايتۇرۇۋالغان ھەمدە باغدادنىڭ شىمالىغا 80 كىلومېتىر كېلىدىغان بازارغا يېقىن جايدىكى بىر چوڭ كۆۋرۈكنى ئىگىلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر