مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ يىل شىنجاڭدا ماشىنا ئارقىلىق پاختا يىغىش كۆلىمىنىڭ 30 مىليون مودىن ئېشىشىدا ئۈمىد بار

2021.04.01 13:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇ يىل شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن مۇساپىلىك، ئومۇميۈزلۈك ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ماشىنا ئارقىلىق پاختا يىغىش كۆلىمىنى يېڭىدىن 1 مىليون 600 مىڭ مودىن ئارتۇق كۆپەيتىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش نىسبىتىنى %88كە يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىيات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماشىنىلاشتۇرۇش شىنجاڭدىكى كېۋەزلىكلەردە كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىلگەن، قوللىنىلغان، 2020 - يىلى شىنجاڭدا پاختىنى ماشىنىدا يىغىش كۆلىمى 28 مىليون 176 مىڭ 100 موغا يەتكەن بولۇپ، بۇ يىل شىنجاڭدا ماشىنا ئارقىلىق پاختا يىغىش كۆلىمىنىڭ 30 مىليون مودىن ئېشىشىدا ئۈمىد بار ئىكەن.

  يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن مۇساپىلىك، ئومۇميۈزلۈك ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، بۇ يىل شىنجاڭ ئاشلىق، پاختا قاتارلىق ئاساسلىق زىرائەتلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق، پاختا قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخنىكا جابدۇقلار تىرىكى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەيدۇ. بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز قاتارلىق ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ۋە چارۋا، باغ - ئورمان، خاس زىرائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى %85.2كە يەتكۈزىدۇ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى %70.4كە يەتكۈزىدۇ.

  پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈش جەھەتتە، بۇ يىل شىنجاڭ كېۋەزنى پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇشقا قاراپ ئۆزگىرىشكە يېتەكلەپ، 10 مىڭ مودىن يۇقىرى ماشىنا ئارقىلىق پاختا يىغىش ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن بەشنى قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ماشىنا ئارقىلىق پاختا يىغىش كۆلىمىنى يېڭىدىن 1 مىليون 600 مىڭ مودىن ئارتۇق كۆپەيتىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش نىسبىتىنى %88كە يەتكۈزىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ يەنە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى پۈتۈن مۇساپىلىك ئومۇميۈزلۈك ماشىنىلاشتۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى سورتى، ئۆستۈرۈش، ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى يۇغۇرۇلغان ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشنى سىناق قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. تۈجۈپىلىك يېزا ئىگىلىكىدە ئەمەلىي قوللىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، بېيدوۋ يول باشلايدىغان شوپۇرسىز ھەيدەش، يىراق مۇساپىلىك كۆزىتىپ ئۆلچەش يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش فۇنكسىيەسىنى ئالدىن ئورنىتىپ ئەمەلىي قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇنىۋېرسال سانلىق مەلۇمات مۇلازىمەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا جابدۇقلىرى تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش - ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا جابدۇقلىرىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشى، ئۇچۇرلاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ