مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2021.03.31 17:45 مەنبە: خەلق تورى

  «يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»گە قاراپ چىقىلدى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ■ ئوتتۇرا رايون شەرق بىلەن غەربنى، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بايلىقى مول، قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، كەسىپ ئاساسى بىر قەدەر ياخشى، مەدەنىيەت يىلتىزى چوڭقۇر، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور، ئوتتۇرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئومۇملۇق خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا، ئوتتۇرا رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمى، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتتىكى گۈزەل ئوتتۇرا رايوننى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمنى كۈچەپ ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا، رايون تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا رايوننىڭ تېزدىن قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك



  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 30-مارت يىغىن ئېچىپ، «يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»گە قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئوتتۇرا رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئېنېرگىيە خام ئەشيا بازىسى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى ھەم يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بازىسى ۋە ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت تۈگۈنىلىك ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئوتتۇرا رايون شەرق بىلەن غەربنى، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بايلىقى مول، قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، كەسىپ ئاساسى بىر قەدەر ياخشى، مەدەنىيەت يىلتىزى چوڭقۇر، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور، ئوتتۇرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئومۇملۇق خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا، ئوتتۇرا رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمى، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش سۇبيېكت قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتتىكى گۈزەل ئوتتۇرا رايوننى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمنى كۈچەپ ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا، رايون تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا رايوننىڭ تېزدىن قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا رايون پۈتۈن مەملىكەت چوڭ بازىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە بوشلۇق تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئورنىنى توغرا تېپىپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى ۋە زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى شەھەرلەر توپى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىشى ۋە يۇغۇرۇلۇشى؛ يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشى؛ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېنېرگىيە، بايلىقتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە تۈزەشنى چىڭىتىپ، ئوتتۇرا رايوننىڭ يېشىل قەد كۆتۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ