خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-مارت، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مىسىردا پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مىسىر زۇڭتۇڭى سېسىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.
شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مىسىردا پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقىدىن چۆچۈپ خەۋەر تاپتىم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن، يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ