مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ سىرىلانكا زۇڭتۇڭى گوتابايا بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.03.30 20:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-مارت كەچتە سىرىلانكا زۇڭتۇڭى گوتابايا بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن سىرىلانكا جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىرىلانكا بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى بىرلىكتە ياخشى پىلانلاپ، جۇڭگو-سىرىلانكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو سىرىلانكىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا چامىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى قىلىش شەرتى ئاستىدا، ئاۋىياتسىيە، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى تەدرىجىي قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى يولى، يېڭى ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز ئاچىدۇ. جۇڭگو سىرىلانكا بىلەن كولومبو پورت شەھىرى، خامبانتوتا پورتى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرگە مۇقىم تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرىلانكىنىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سىرىلانكا سەمىمىي ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوست ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرى. جۇڭگو سىرىلانكىنىڭ جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە قىممەتلىك قوللىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، سىرىلانكا بىلەن بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قەتئىي قوللىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

  گوتابايا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىرىلانكا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. سىرىلانكا جۇڭگونىڭ سىرىلانكىنى قىممەتلىك قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىلىرىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشنى خالايدۇ. سىرىلانكا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىش، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. سىرىلانكا جۇڭگو بىلەن ئۇل ئەسلىھە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، كولومبو پورتى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ، ئىشىنىمەنكى، بۇ، سىرىلانكىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، سىرىلانكا خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ