مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش لازىم

2021.03.29 17:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لۇ چىنجيەن، ئۆلكە باشلىقى ۋۇ جېڭلۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا چاڭجوۋ، نەنجىڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ چاڭجوۋ خېڭلى سۇيۇقلۇق بېسىم ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىگە كېلىپ مەھسۇلات، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، كارخانىلارنى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇردى. ئۇ شۇ جايدىكى ئون نەچچە ياسىمىچىلىق كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ بەس – بەستە ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئىلھامى بىلەن، كارخانا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ، لى كېچياڭ قۇۋۋەتلەپ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ نۇرغۇن پۇل خەجلەشتىن يانماي باجنى كېمەيتىشى بازارلاشتۇرۇش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسىتى ئارقىلىق «ئاز ئارقىلىق كۆپكە ئېرىشىپ»، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈندۇر. كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى بولغاندىلا كەلگۈسى بولىدۇ، دۆلەت تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ.

  لى كېچياڭ چاڭجوۋ فۇچياڭشىن كەنتىدە مەھەللىنىڭ كۈتۈنۈش، يەسلى قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمەتلىرىنى تەكشۈردى. ئۇ كۈتۈنۈش مەركىزىگە كىرىپ، ياشانغانلارنىڭ تاماق يېيىش، سالامەتلىكىنى كۆزىتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت مۇلازىمەت سېتىۋېلىش، ئورۇن ۋە سۇ، توك، گاز بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشقا جەلپ قىلىپ، ياشانغانلار نەپكە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى، لى كېچياڭ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ ئاھالىلەرگە مۇنداق دېدى: مەھەللىدە سىلەرنىڭ «كىچىك ئۆيۈڭلار» بار، مەھەللىمۇ ھەم سىلەرنىڭ «چوڭ ئۆيۈڭلار». مەھەللىنىڭ ياشانغانلارنى بېقىش، يەسلى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى ئىشقا بارىدىغانلارنى خاتىرجەم قىلىدۇ. ياشانغانلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرى بەختلىك بولسا، ياشلارنىڭ كەلگۈسى بولىدۇ. بالىلار مەھەللىنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلسە، تېخىمۇ مېھرىبان بولىدۇ.

  لى كېچياڭ بىر يەككە تىجارەتچى قۇرغان مۇلازىمەت نۇقتىسىغا كىردى. لى كېچياڭ بۇ يەردە ھەم كۈندىلىك بۇيۇملارنىڭ سېتىلىدىغانلىقى، ھەم تېز يوللانمىلارنىڭ ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىنىپ، ۋاكالىتەن ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ: مۇلازىمىتىڭىز كۆپچىلىككە قولايلىق يارىتىپ بەردى، كىرىمىڭىزمۇ ئاشتى، دېدى. ئۇ شۇ جايدىكى مەسئۇل خادىملارغا: جۇڭگولۇقلار ئەمگەكچان، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك، بۇ جەھەتتە نى-نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، دەپ تاپىلىدى.

  لى كېچياڭ جياڭسۇ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم ئەركىن سودا رايونىغا جايلاشقان جۇڭگو نېفىت-خىمىيە گۇرۇھى شىركىتى بىلەن باسف پاي شىركىتى شېرىكلەشكەن ياڭبا شىركىتىنى تەكشۈردى. ئۇ يەرلىكتىكى يولداشلارنى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش قاتارلىق ئىلغار ئامىللارنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئەركىن سودا رايونىنىڭ ئىسلاھات ئېگىزلىكى، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  لى كېچياڭ نەنجىڭ داشۆسىگە كېلىپ، ئاساسىي تەتقىقات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىشنى قىزىقىپ كۆرۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى ساھە ھالقىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يۇغۇرما يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مەكتەپنىڭ ئاكادېمىكلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشقا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ داۋاملىشىش كۈچىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. لى كېچياڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، مەخسۇس مەكتەپنىڭ بۇ جەھەتتىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئاسىنى، توختام ئىمزالىغان-ئىمزالىمىغانلىقىنى سورىدى. لى كېچياڭ كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: سىلەر نەنجىڭ داشۆسىنىڭ مەكتەپ تەلىم-تەربىيەسىدە ئېيتىلغاندەك «سەمىمىي، ئاددىي-ساددا، ئۇلۇغ، كەڭ قورساق» بولۇپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئىشنى يېقىندىكى كىچىك ئىشلاردىن پۇختا باشلاپ، كەلگۈسى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، جەمئىيەتكە، دۆلەتكە پايدىلىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىڭلار كېرەك.

  لى كېچياڭ جياڭسۇنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شياۋ جيې تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ