مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جاۋ لېجى گۇاڭشىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

«تۆت خاھىش»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزىتىپ، يېڭى ئىستىل تىكلەپ، «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

2021.03.25 18:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى 21-مارتتىن 24-مارتقىچە گۇاڭشىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىن ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى باسقۇچى، يېڭى تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ ناتوغرا ئىستىللارنى سىجىل تۈزىتىپ، ئېسىل ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «14-بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  جاۋ لېجى بەيسې شەھىرى تيەنياڭ رايونى لۇمېي كەنتى، پىڭگو شەھىرى شىنئەن بازىرى، نەننىڭ شەھىرى فېڭلىڭ شىمالىي مەھەللىسىگە كېلىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىغا بولغان پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى سەييارە كۆزىتىش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىش بېجىرىشىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىش، ئورتاق بېيىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

  جۇڭگو ئاليۇمىنچىلىق گۇاڭشى شۆبە شىركىتى، بېيبۇۋەن خەلقئارا پورت ئىشلىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كارخانىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىدە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، كارخانىغا تايىنىپ كارخانىنى يېيىش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى قاتتىق جازالاپ، كارخانىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايون ۋە بەيسې شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، كۆزىتىش-تەكشۈرۈش ئىشخانىسىدا كادىرلارنى يوقلىغاندا، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىدىن خەلقنىڭ ھېسسىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى قاراشنى كۈچەيتىپ، مېھىر-مۇھەببەت، مەسئۇلىيەت بىلەن ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئورگان، ۋاكالەت ئاپپاراتى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ نازارەتچىلىك كۈچىنى بىرىكتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، جاۋ لېجىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى شۇجىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، «تۆت خاھىش»نى يەنىمۇ تۈزىتىش، يېڭى ئىستىل تىكلەش تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ناتوغرا ئىستىلنىڭ سىياسىي ماھىيىتى ۋە سىياسىي خەۋپىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈرتكە بولۇپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامى كەيپىياتىنى چىڭىتىش كېرەك.

  ئورنىتىش بىلەن بۇزۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش، ھەققانىيەتنى يۆلەپ، رەزىللىكنى يوقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ ھەم شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك ئىستىلىنى قەتئىي تۈزىتىش، ھەم پارتىيەگە سادىق بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، پاك-دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نىڭ يېڭى يۈزلىنىشى، يېڭى ئىپادىسىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، قانداق مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، قانداق مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق تۈزەپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۈزەش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  جاۋ لېجى يەنە جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى 7-جۈن ئىشتابىنىڭ كونا ئورنى، بەيسې قوزغىلىڭى خاتىرە باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىدە قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشنى تەكىتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ