شى جىنپىڭ فۇجيەندە خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش جەھەتتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ فۇجيەن سەھىپىسىنى تىرىشىپ يېزىپ چىقىش كېرەك

2021.03.26 18:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا فۇجيەندە خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش جەھەتتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ فۇجيەن سەھىپىسىنى تىرىشىپ يېزىپ چىقىش كېرەك.

  ئوتتۇرا باھاردا، فۇجيەن زېمىنى ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىدى. 22-مارتتىن 25-مارتقىچە، شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يىن لى، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ نىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نەنپىڭ، سەنمىڭ، فۇجوۋ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، دۆلەت باغچىسى، ئېكولوگىيەلىك چايزارلىق، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرى، دوختۇرخانا، يېزا، كارخانا، مەكتەپ قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، «14-بەش يىل»نىڭ تۇنجى يىلىدا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  ۋۇيىشەن دۆلەت باغچىسى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى سىناق نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. 22-مارت چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ باغچىنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك باشقۇرۇش مەركىزىگە كېلىپ، ئەقىل-پاراسەتلىك باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ مەركەز ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، باغچىنىڭ «ھەممە يېرى»نى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن كۈنلۈك كۆزىتىپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، فۇجيەندە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە چاڭتىڭ سۇ تۇپراقنى ئېقىتىپ كېتىشنى تۈزەش، مۇلەنشى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئېكولوگىيەنى قوغدايدىغان چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە 2000-يىلى فۇجيەننىڭ مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ ئېكولوگىيە ئۆلكىسى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق، فۇجيەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەت باغچىسىنى سۇبيېكت قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يەر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىن مەقسەت تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنىڭ ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىدىيە بويىچە تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئەينەنلىكى ۋە مۇكەممەللىكىنى ساقلاپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت. ئېكولوگىيەنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەلىك ئاھالە كۆچۈرۈشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك ساياھەتنى مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېشىل تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ۋۇيىشەن __ ۋۇلۇڭ چېيى، قىزىل چاينىڭ مەنبەسى. شى جىنپىڭ شىڭسۈن بازىرىدىكى يەنزىكې ئېكولوگىيەلىك چايزارلىققا بېرىپ، ئەتىيازلىق چاينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، شۇ جاينىڭ چاي كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاي مەدەنىيىتى، چاي كەسپى، چاي پەن-تېخنىكىسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، يېشىل تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۇرسلۇق مەھسۇلات ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىجارەت ئوبوروت مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىللىرىنى ئىلمىي ماقالىسىنى ئېتىز-ئېرىقلاردا يېزىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ چايزارلىقتىن ئايرىلىپ بامبۇك سالغا ئولتۇرۇپ، جيۇچۈ ئېقىنىنى بويلاپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئەھۋالى ۋە تەبىئىي مەنزىرىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. جيۇچۈ ئېقىنى بويىدىكى جۇشى باغچىسىدا، شى جىنپىڭ جۇ شىنىڭ ھاياتى ۋە تەبىئىي پەن تەتقىقاتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزگىرىشى، يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋر روھى بىلەن جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغىتىش كېرەك. ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇشنى جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەنمىڭ شەھىرى داۋالاش ئىسلاھاتىدا دورا، خورىما ماتېرىياللارنى تىزگىنلەش ئىسلاھاتىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ داۋالاش، دورا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ئىسلاھاتىنى ھەمتۈرتكە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئۈستىدە ئىزدەندى. شى جىنپىڭ 2016-يىلى 2-ئايدا مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، سەنمىڭ شەھىرىنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ ئومۇملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شى جىنپىڭ 23-مارت چۈشتىن بۇرۇن سەنمىڭ شەھىرى شاشيەن ناھىيەلىك باش دوختۇرخانىغا بېرىپ، كېسەلخانا بىناسىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى زالدا داۋالاش ئىسلاھاتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، تېببىي خادىملار، بىمارلاردىن داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنىڭ ساغلاملىقى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. سەنمىڭ شەھىرىنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىدا خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئادەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا جۈرئەت قىلىش گەۋدىلەندۈرۈلدى، سەنمىڭنىڭ تەجرىبىلىرى جايلارنىڭ ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. داۋالاش، دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئىشەنچلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  فۇجيەن ئۆلكىسى شى جىنپىڭ نىڭدېدا خىزمەت قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان «ئاجىز قۇش بالدۇر ئۇچار، تامچە سۇ تاشنى تېشەر» دېگەن روھنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ چىڭ تۇتقان ئىدى. 30 نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، فۇجيەن ئۆلكىسى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە كۆك نامراتلىقنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگەتتى. شى جىنپىڭ 23-مارت چۈشتىن كېيىن ئىنقىلابىي كونا رايون كەنتى __ شاشيەن ناھىيەسى شياماۋ بازىرى يۈباڭ كەنتىگە بېرىپ، ئۇششاق يېمەكلىكلەر يايمىسى، ئالاھىدە مەھسۇلاتلار دۇكىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يۇرتداشلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، شاشيەن ناھىيەسىنىڭ ئۇششاق يېمەكلىكلەر تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئىستىقبالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شاشيەن ناھىيەسىدىكىلەر جاھان كېزىپ، شاشيەن ناھىيەسىنىڭ ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنى خەلقنى بېيىتىدىغان ئۆزگىچە كەسىپكە ئايلاندۇردى. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپلەرنى تاللاش ئاچقۇچ. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، نەزەر دائىرەڭلارنى كېڭەيتىپ، بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش يېڭى مۇساپىسىدە يەنە ئالدىدا مېڭىشىڭلار كېرەك.

  شى جىنپىڭ فۇجيەندە خىزمەت قىلغاندا كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «تاغنى ئائىلىلەرگىچە تەقسىملەش، ئورماننى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، «تاغ ئارقىلىق ھوقۇق بېكىتىش، ئورمان ئارقىلىق يىلتىز تارتقۇزۇش، كىشىلەر كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرغان ئىدى. شى جىنپىڭ شاشيەن ناھىيەلىك يېزا مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزىدە كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئىش بېجىرىۋاتقان ئامما ۋە خىزمەتچىلەردىن كوللېكتىپ ئورمان يېرىنىڭ تىجارەت ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش سودىسى، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سەنمىڭ شەھىرىنىڭ كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، توغرا ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى بۆسۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ 24-مارت فۇجوۋدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. فۇجوۋدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە شى جىنپىڭ فۇجوۋ شەھىرىنىڭ «3820» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، ئەسىر ھالقىغان فۇجوۋنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى سىزىپ بەرگەن ئىدى. شى جىنپىڭ فۇشەن دالا باغچىسىدا توكسىكلىتقا ئولتۇرۇپ، نەق مەيداندا دالا بەخت يولىنىڭ قىياپىتىنى كۆردى، ئۇ مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا چىقىپ، فۇجوۋ شەھىرىنىڭ يېڭى قىياپىتىگە نەزەر سېلىپ، شەھەر ئېكولوگىيە باغچىسىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشى، شەھەر سۇ سىستېمىسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. شەھەر ئاھالىلىرى باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەس بەستە ئۇنى ئورۇۋېلىشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر شەھەرنى ياخشى قۇرۇش، ياخشى باشقۇرۇشتا كۆكتات، تۇرالغۇ مۇھىتى، شەھەر بوشلۇقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك. فۇجوۋ بىر بەختلىك شەھەر. ئېكولوگىيەلىك شارائىتى ئەۋزەل، بۇ دېڭىز ساھىلى شەھىرى، تاغ-دەريالىرى گۈزەل شەھەرنى داۋاملىق قۇرۇپ چىقىپ، خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  فۇجوۋ سەنفاڭ 7-كوچىسى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا مەھەللىسىدە تاڭ، سوڭ سۇلالىلىرىدىن قېپقالغان كوچا ئەندىزىسى ۋە مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە سېلىنغان نۇرغۇن قەدىمىي ئىمارەتلەر ساقلىنىپ قالغان. 1991-يىلى، شى جىنپىڭ فۇجوۋدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدىلا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش يىغىنى ئېچىپ، فۇجوۋنىڭ تارىخىي مەدەنىي داڭلىق شەھەرلەرنى قوغداش، باشقۇرۇش نىزامى ۋە قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر تارىخىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش خىزمىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. شى جىنپىڭ فۇجوۋنىڭ گۇلىن ۋە سەنفاڭ 7-كوچىسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، جەنۇبىي ئارقا كوچا، لاڭگۈەن كوچىسىنى پىيادە كۆزدىن كەچۈردى، يەنفۇ قەدىمىي تۇرالغۇسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ساياھەتچىلەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرىگە توختىماي قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەنئەنىۋى كوچىلارنى، قەدىمىي ئىمارەتلەرنى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياخشى قوغداش __ شەھەرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت تومۇرىنى ساقلاپ قالغانلىق. قەدىمىي ئىمارەت، كونا تۇرالغۇ، كونا كوچىلارغا قارىتا قەدىرلەش، ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك.

  فۇجيەن فۇگۇاڭ پاي چەكلىك شىركىتى ئوپتىكىلىق لىنزا ياسايدىغان مۇھىم شىركەت. شى جىنپىڭ شىركەتنىڭ كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، مەھسۇلاتلارنى كۆردى، كارخانىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئەھۋالىنى سورىدى. ئادەتتىن تاشقىرى نەپىس سېخ ئىچىدە، كارخانا خىزمەتچىلىرى باش شۇجىغا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتىنى كۆرسەتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى سېپىگە كىرىشتە يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىشى كېرەك، ئەگىشىپ مېڭىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، پەن-تېخنىكىدا مۇستەقىل بولۇش، ئۆز-ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.

  يېڭىلىق يارىتىشنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى بىر تۈرلۈك دۆلەت سىياسىتى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاشقا پائال ئىلھام بېرىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشتا «سالاھىيەت» سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ، كىم دۆلەتكە تۆھپە قوشالىسا، شۇنىڭغا مەدەت بېرىلىدۇ.

  25-مارت چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ مىنجياڭ شۆيۈەنىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. مىنجياڭ شۆيۈەنىنىڭ ئاساسى فۇجوۋ سىفەن ئالىي تېخنىكومى ۋە مىنجياڭ كەسپىي داشۆسى. شى جىنپىڭ فۇجوۋدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، قوشۇمچە مىنجياڭ كەسپىي داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان ئالتە يىلدا، ئوتتۇرىغا قويغان «ئەڭ چوڭ بولمىسىمۇ، ئەڭ ئەلا بولۇشنى تەلەپ قىلىش، ئەمما جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش»تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر بولغان ئىدى. شى جىنپىڭ 2018-يىلى 10-ئايدا مىنجياڭ شۆيۈەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. مىنجياڭ شۆيۈەنىنىڭ مەكتەپ تارىخى ۋە قوللىنىشچان مەكتەپ باشقۇرۇش نەتىجىلىرى كۆرگەزمە زالىدا، شى جىنپىڭ شۆيۈەننىڭ قوللىنىشچان مەكتەپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ئەمەلىي تېخنىكا تىپىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەسىپ تەسىس قىلىپ، ئاساسنى ياخشى سېلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  مەكتەپ مەيدانىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار «باش شۇجى ياخشىمۇسىز»، «شى مەكتەپ مۇدىرى ياخشىمۇسىز» دەپ توۋلىدى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەسئۇلىيەت ياش ئەۋلادلارنىڭ زىممىسىدە. ساۋاقداشلارنىڭ ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئەخلاق پەزىلىتىنى تاۋلاپ، تىرىشىپ جەمئىيەتكە ياراملىق، ئالىيجاناب ئادەم بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، فۇجيەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، فۇجيەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئالدى بىلەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىياتىنى نامايان قىلىدۇ. سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش ئورنىنى توغرا تېپىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە ئۆستۈرۈپ، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ياخشى قۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش؛ راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق سىڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق سىڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق سىڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مەۋقەنى يېزا ئىگىلىك بايلىقىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كىلىماتنىڭ مۇۋاپىق ئەۋزەللىكىگە قارىتىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش؛ يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇش؛ كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى سوۋېت رايونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى سوۋېت رايونلىرىنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى يۈكسەلدۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش؛ كاربون چوققا قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇلۇشنى ئېكولوگىيەلىك ئۆلكە قۇرۇلۇشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈپ، ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشايدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش بەرپا قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش؛ پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنىڭ جامائەتچىللىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش؛ خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورىنى مۇستەھكەملەپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ «سىرتتىن كىرىشنىڭ، ئىچكى جەھەتتە قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» خىزمىتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەش؛ پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: فۇجيەن كونا ئىنقىلابىي رايون، پارتىيە تارىخى ۋەقەلىرى كۆپ، قىزىل بايلىق كۆپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلار كۆپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە تارىخنى ئۆگىنىپ، داۋلىنى بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، داۋلىنى بىلىش __ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. پارتىيەنىڭ شانلىق نەتىجىلىرى، جاپالىق مۇساپىسى، تارىخىي تەجرىبىلىرى، ئېسىل ئەنئەنىسىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قىلالايدىغانلىقى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىدەك داۋلىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىكى تارىخىي لوگىكا، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىگە بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىش؛ ماركسىزم ۋە ئۇنىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇلغان يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ھەقىقەتلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ توغرىلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر توغرا يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش؛ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش؛ چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ