مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو بىلەن كامېروننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ كامېرون زۇڭتۇڭى بىيا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.03.29 17:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 26-كۈنى كامېرون زۇڭتۇڭى بىيا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، جۇڭگو-كامېرون ئىككى دۆلەت جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشەندى ۋە قوللىدى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ماسلاشتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو تەرەپ كامېروننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇشتەك قېرىنداشلىق مېھرىنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو-كامېرون مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ بىيا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

  بىيا تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇزاقتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، كامېرون بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كامېرون خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا، كامېروننىڭ دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو رەھبەرلىرى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرىدۇ، جۇڭگو خەلقى ئەمگەكچان، باتۇر، جۇڭگو خەلقئارا سەھنىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. كىشىنى تېخىمۇ روھلاندۇرىدىغىنى شۇكى، جۇڭگو ئىزچىل جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللاپ كەلدى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى تەنتەنىلىك تەبرىكلىنىۋاتقان پەيتتە، كامېرون-جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ قويۇق، ئىستىقبالىنىڭ تېخىمۇ كەڭ بولۇشىغا، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشقا تىلەكداشمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ