مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭنىڭ ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش ھەققىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» نەشر قىلىندى

2021.03.29 17:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش ھەققىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  ئائىلە __ جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ھۈجەيرىسى، ئائىلىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئائىلە قۇرۇلۇشىغا بولغان يېڭى ئارزۇسى، يېڭى ئېھتىياجىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئائىلىلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك ئائىلە مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئائىلىگە، ئائىلە تەربىيەسىگە، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر يۈرۈش مۇھىم بايانلىرىنىڭ ئەھمىيىتى زور، مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىنى ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتنىڭ يۈكسىلىشى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ مۇھىم ئۇلتېشىغا ئايلاندۇرۇپ، شەخسىي ئارزۇ، ئائىلە ئارزۇسىنى دۆلەت ئارزۇسى، مىللەت ئارزۇسىغا سىڭدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «بايانلاردىن ئۈزۈندىلەر» يەتتە مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمئىي 107 پارچە باياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، سۆھبىتى، چۈشەندۈرۈشى، مەسىلىلەرگە بەرگەن جاۋابى قاتارلىق 60 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەتتىن ئۈزۈپ ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ