مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2021.03.26 18:33 مەنبە: خەلق تورى

  ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقتىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلىنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش سىياسىتى ۋە ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بىلەن قوللاش پىلانىنى يىل ئاخىرىغىچە ئۇزارتىش قارار قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» ماقۇللاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يىغىندا، ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقتىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلىنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش سىياسىتى ۋە ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بىلەن قوللاش پىلانىنى يىل ئاخىرىغىچە ئۇزارتىش قارار قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش، ئادىل، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىپ، كارخانا ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىدىغان باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاشقا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بىرىنچىدىن، بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش نىسبىتى %75تىن %100كە ئۆستۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كارخانىلار تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا ھەر 1 مىليون يۈەن مەبلەغ سالسا، باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىدىن 2 مىليون يۈەن چىقىرىۋېتىلىدۇ.

  بۇ سىياسەتنى يولغا قويغاندا، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇلتۇر كېمەيتىلگەن باج 360 مىليارد يۈەندىن ئاشقان ئاساستا، بۇ يىل كارخانىلارنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن بېجى ئۈچۈن يەنە 80 مىليارد يۈەن كېمەيتىلىدىكەن. بۇ تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بۇ يىلقى قۇرۇلمىلىق باج كېمەيتىشتىكى سالمىقى ئەڭ زور سىياسەت. ئىككىنچىدىن، تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش، ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش ھېسابات ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يېرىم يىل بويىچە قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىغا رۇخسەت قىلىپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى كېيىنكى يىللىق تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ ھېسابلاش، ئېنىقلاپ تاپشۇرۇشتا چىقىرىۋېتىشتىن شۇ يىلى 10 - ئايدا ئالدىن تاپشۇرغاندا چىقىرىۋېتىشكە ئۆزگەرتىپ، كارخانىلارنى بالدۇرراق نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن - تېخنىكا تەتقىقات مۇلازىمىتى كارخانىلىرى، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىغا قارىتىلغان باج مەدىتى سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، باج بېجىرىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئىخچاملاپ، كارخانىلارنىڭ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ياخشى ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇلتۇردىن بۇيان يولغا قويۇلغان كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى قوللايدىغان ئىككى تۈرلۈك بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان پۇل سىياسىتى قورالى، يەنى يەرلىك قانۇنىي ئىگە بانكىلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقتىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلىنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشنى بېجىرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇلار تارقاتقان كىچىك، ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىنى ئېتىبار بېرىش مەبلەغ مەدىتى بىلەن قوللاش، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

  كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى كېمەيتمەسلىك، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش، ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى مۇقىم تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، يىغىندا ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئىككى تۈرلۈك بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان پۇل سىياسىتى قورالىنى بۇ يىل 1 - پەسلىگىچە يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئاساسىدا، يولغا قويۇش مۇددىتىنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يەنىمۇ ئۇزارتىپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا يەنە بىر قېتىم ياردەم بېرىپ-يۆلەپ، ئۇلارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش قارار قىلىندى. بىرىنچى، 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن قەرەلى توشىدىغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقتىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش ۋاقتىنى كارخانا ۋە بانكا ئۆز ئالدىغا كېڭىشىپ ئۇزارتىدۇ ھەمدە قەرز پۇلنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتقان يەرلىك قانۇنىي ئىگە بانكىلار بەلگىلىمە بويىچە رىغبەتلەندۈرىدۇ، رىغبەتلەندۈرۈش نىسبىتى قەرز پۇل دىرىنىڭ %1ى بويىچە بولىدۇ. ئىككىنچى، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يەرلىك قانۇنىي ئىگە بانكىلارنىڭ كىچىك، ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل تارقىتىشىنى داۋاملىق دىرىنىڭ %40ى بويىچە ئېتىبار بېرىش مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى تەتقىق قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەسپىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشتا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» ماقۇللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىش، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كەسپىي مەكتەپ ئېچىشىنى قوللاش، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش نەتىجىلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى. يىغىندا لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ