مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ كۇبا رەھبەرلىرى بىلەن خەت ئەۋەتىشتى

2021.03.29 12:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى رائۇل كاسترو ۋە كۇبا جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى دىياز كانېلغا جاۋاب خەت يېزىپ، كۇبا رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن كۇبا ياخشى دوستلار، ياخشى يولداشلار، ياخشى قېرىنداشلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى كۈنسايىن چوڭقۇرلىشىپ، دوستانە ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، جۇڭگو بىلەن كۇبا جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى يۈكسەلدۈردى. جۇڭگو كۇبانىڭ سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشىنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللاپ، جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  رائۇل كاسترو ۋە دىياز كانېل يېقىندا شى جىنپىڭغا خەت ئەۋەتىپ، كۇبا كومپارتىيەسى، كۇبا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈرىشىدە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى»دا بېكىتىلگەن نامراتلىقنى تۈگىتىش نىشانىنى مۇددەتتىن ئون يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇدى، كۇبانىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ