مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ جۇڭگو مالىيە ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىدا مالىيە-باج خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

مالىيە-باج نۇقتىلىق خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مالىيە-باج سىياسىتى تەتقىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، «14-بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2021.03.25 18:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 23-مارت جۇڭگو مالىيە ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىدا مالىيە-باج خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھازىرقى مالىيە-باجنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە مالىيە-باج تارماقلىرىنىڭ مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، كېيىنكى قەدەمدىكى مالىيە-باج نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «14-بەش يىل» مەزگىلى − ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان تۇنجى بەش يىل. مالىيە-باج تارماقلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق بېيىش، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «14-بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك مالىيە-باج خىزمىتىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەش كېرەك. خىزمەت مېخانىزمى ۋە تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مائاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مەسىلە چىقماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ قوللاپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، پەن-تېخنىكا، بولۇپمۇ ئاساسىي تەتقىقات سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پەن تەتقىقات مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، «تىزىملىكنى تۇرغۇزۇپ قوماندانلىق قىلىش» قاتارلىق مېخانىزملارنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. زامانىۋى باج تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماكرولۇق باج سېلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، باج تۈزۈمى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، باج ئېلىش-باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئالاقىدار زور ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش كېرەك. «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» مۇھىم ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئورۇنداشنى قوللاپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىش، ئىشلىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك. بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يەرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى پۇختا بىر تەرەپ قىلىش ۋە پەسەيتىش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ئۇزۇن-قىسقا بولۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەت، بولۇپمۇ مالىيە-باج سىياسىتى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. نۆۋەتتىكى مۇھىم نۇقتا كاربون قويۇپ بېرىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شۇنىڭدەك ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ قېلىپلاشقان، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مالىيە-بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، مالىيە-باج قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك تەرتىپىنى رەتكە سېلىپ، ساھە كەيپىياتىنى ساپلاشتۇرۇپ، مالىيەدە ساختىلىق قىلىشنى قەتئىي قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، مالىيە-باج كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان مالىيە-باج پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە جۇڭگو مالىيە ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىدىكى ئۈچ مۇتەخەسسىس، ئالىم سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ