مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27-قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2021.03.30 20:14 مەنبە: خەلق تورى

  شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ قوشۇمچە ھۆججىتى − شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ قوشۇمچە ھۆججىتى − شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى ۋە ئاۋازغا قويۇش تەرتىپىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىلدى

  لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27-يىغىنى 29-مارت چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 167 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىدا ماقۇللانغان «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ روھى ۋە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ قوشۇمچە ھۆججىتى − شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 2-قوشۇمچە ھۆججىتى − شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى ۋە ئاۋازغا قويۇش تەرتىپى (تۈزىتىش لايىھىسى)نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ ئىككى تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  يىغىندا ئالاقىدار تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسى قاراپ چىقىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋدۇ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ