مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بۇرۇندى زۇڭتۇڭى ئىندايىشىمىيى بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.03.30 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-مارت كەچتە بۇرۇندى زۇڭتۇڭى ئىندايىشىمىيى بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-بۇرۇندى مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلىدى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئۆز ئارا قوللىشىپ ۋە ئۆز ئارا ياردەم بېرىشىپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى. جۇڭگو بۇرۇندىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ كەلگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بۇرۇندى بىلەن بولغان سىياسىي ئالاقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، ئاقىللار ئامبىرى قاتارلىقلارنىڭ بېرىش-كېلىشى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو-بۇرۇندى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بۇرۇندىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئۇل ئەسلىھە تۈر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو قۇرغان يېزا ئىگىلىكتە ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى ۋە تۇرۇشقا ئەۋەتكەن يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، بۇرۇندىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ۋە يېزا-كەنت نوپۇسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشىغا ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو يەنە بۇرۇندى بىلەن جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  ئىندايىشىمىيى جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇدى. جۇڭگونىڭ بۇرۇندىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مىللىي مۇستەقىللىقىنى قوغدىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇرۇندى-جۇڭگو ھەمكارلىقى بۇرۇندى خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. بۇرۇندى بىلەن جۇڭگو مەڭگۈ ياخشى دوست ۋە ياخشى قېرىنداشلاردۇر. بۇرۇندى جۇڭگونىڭ تەيۋەن، شىنجاڭ، نەنخەي دېڭىزى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى قارارىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىنى قوللايدۇ. بۇرۇندى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بۇرۇندى بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇرۇندى جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ