شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا قارا جەمئىيەت ۋە رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2021.03.30 16:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى قارا جەمئىيەت ۋە رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى 29-مارت بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ، تەقدىرلەنگەن، مۇكاپاتلانغان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار جىڭشى مېھمانخانىسى يىغىن بىناسىنىڭ ئالدى زالىغا كىرىپ كەلگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىشلار ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەرنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، ھەمدە پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى بولغاچقا، بىز قارا جەمئىيەت ۋە رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردۇق. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، قارا جەمئىيەت ۋە رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنى دائىملاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگونى تىرىشىپ قۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ شياۋدۇ، چېن شى، خۇاڭ كۈنمىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، جاۋ كېجى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇ چياڭ، جاڭ جۈن كۆرۈشۈشكە ھەم يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، تەقدىرلەنگەن، مۇكاپاتلانغان ۋەكىللەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى. پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى قارا جەمئىيەت ۋە رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋە تەقدىرلەنگەن كادىرلار ۋەكىللىرى يىغىندا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ