مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كېۋەزلىككە كىرىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېساباتىنى ئىنچىكە قىلىش

2021.04.01 13:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قۇملۇق ئارىسىدا ئۆركەشلەپ ئاققان تارىم دەرياسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بوستانلىق يېزا ئىگىلىكىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، پاختا شۇ جايدىكى ئەڭ ئەۋزەللىككە ئىگە ئىقتىسادىي زىرائەت.

  باھار شامىلى يەنە تارىم دەرياسى قىرغاقلىرىنى كۆكەرتتى. بۇ بىرنەچچە كۈندە، زامانىۋى كېۋەز تېرىش ماشىنىسى بىپايان تۇپراقتا كۈمۈش رەڭلىك لېنتىلارنى «توقۇپ» چىقىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندۇردى. ئەمدىلا يېپىلغان سولياۋ يوپۇققا قاراپ، كۇچا شەھىرىنىڭ ياقا بازىرى شۇنۇت كەنتىدىكى كېۋەز تېرىش چوڭ ئائىلىسى قۇربان توختىنىڭ بۇ يىللىق ھوسۇل ئېلىشقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

  قۇربان توختىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئۇنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېساباتىنى ناھايىتى ئېنىق قىلغانلىقىدىن كەلگەن، كېۋەز تېرىشتىن يىغىشقىچە بولغان يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ھەربىر ھالقىدا ئىلغار تېخنىكىنىڭ قوللىشى بار، ھەممىسىدە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، تەننەرخنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش تەدبىرىنىڭ مەدىتى بار. مەيلى تېرىلغانلىرى بولسۇن ياكى تېجەپ قالغانلىرى بولسۇن، ياكى تولۇقلىما بېرىلگەنلىرى بولسۇن، ھەممىسىدە مەنپەئەت بار.

  ھوسۇلغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟

  «ھەر يىلى مۇشۇ پەسىلدە غەيرىتىمىز تولۇپ تاشىدۇ. ھازىر كېۋەز ئۇرۇقىنى تېرىساق، كۈزدە كۆپ كىرىم قىلالايمىز» دېدى 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ياقا بازىرىنىڭ چاچقۇم كەنتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى رېيىم راخمان.

  رېيىم راخمان بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى باشقا بىرنەچچە ئەزا ئۆزلىرى كېۋەز تېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرى بىلەن باشقىلارنىڭ كېۋىزىنى تېرىپ، كېۋىزىنى پەرۋىش قىلىپ پۇل تاپتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ھويلىسىدا يۇقىرى ئات كۈچىگە ئىگە تىراكتور، ئايلانما ئاغدۇرۇش ماشىنىسى، سېيالكا، دورا پۈركۈش ماشىنىسى، پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، ئۇلار ئىش تاپالماسلىقتىن ئەنسىرىمەيدۇ. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يامغۇردىن كېيىنكى ئېتىزغا ئەمدىلا كىرگىلى بولىدىغان چاغدا، ئۇلار بىرقانچە دېھقان ئائىلىسىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى.

  «مەن ئون نەچچە يىل كېۋەز تېرىدىم، كېۋەز تېرىشتىن قىلغان كىرىمىمنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.» 30 ياشتىن ئاشقان رېيىم راخمان بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن بارمىقىنى چىقىرىپ پاختا كىرىمىنىڭ ھېساباتىنى قىلدى.

  بۈيۈك ئىتتىپاقلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئوبوروت قىلغان 300 مو يەرنى مىسالغا ئالغاندا، ھەر مو يەرنى 12 يۈەن ئەتراپىدا سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغاندا، ئەتىيازدا بوران قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىسا، ھەر مو يەرگە 400 - 500 يۈەن سۇغۇرتا تۆلىمى ئالغىلى بولىدۇ؛ كۈزدە مۆلدۈر قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىسا، ھەر مو يەرگە 1000 يۈەندىن ئارتۇق تۆلەمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى بولغاچقا، رېيىم راخمان «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى» يېدى.

  رېيىم راخماننىڭ ئېيتىشىچە، بۇلتۇر، ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ يېرىنى تېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارنىڭ يېرىنى تېرىپ، 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان. مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىگە ھەمراھ بولغان ياقا بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇنىياز ياقۇپ مۇنداق دېدى: ياقا بازىرىدا پاختىكارلار سىياسەتنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كىرىمىنى بارغانسېرى ئاشۇردى. ھازىر، پۈتۈن بازاردا 2340 چوڭ تىپتىكى تىراكتور، تۆت يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بار، بۇلتۇر تارقىتىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تولۇقلىمىسى 10 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ پاختىكارلارنىڭ ئاساسىي پايدىسىغا كاپالەتلىك قىلدى. مەسىلەن، 2019 - يىلى 11 - ئايدا ئاپتونوم رايوننىڭ پاختىچىلىق بويىچە «باھا سۇغۇرتىسى + قەرەللىك مال»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى باشلىنىپ، كەڭ پاختىكارلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

  تەننەرخنى قانداق كونترول قىلىش كېرەك؟

  كېۋەز ئۇرۇقىنى تېخى تېرىپ بولمايلا، شايار ناھىيەسىنىڭ قايلور بازىرى چوغتېرەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رېيىم ياسىن بۇ يىل ئۆزى بىلەن قوشنىسىنىڭ ھەر مو كېۋەزلىكتىن قىلىدىغان ساپ كىرىمىنىڭ 1500 يۈەنگە يېتىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى مۆلچەرلىدى.

  بازار باھاسىدىكى داۋالغۇش ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، رېيىم ياسىن مۇنداق قارىدى: كېۋەز تېرىشتا ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى كونترول قىلىش ناھايىتى مۇھىم. ئادەم كۈچى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىقلارنىڭ تەننەرخى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت پاختىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر نۇرغۇن پايدىلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويدى، بۇ سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلانغاندا، تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  «ئىلگىرى ھەممە ئائىلىلەر تارقاق پارچە يەرلەرنى تېرىغاچقا، ئون نەچچە مو يەر ئۈچۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى، بەزىدە تېخى يېتىشەلمەيتتى، قوشنىلار ئارا ياردەم بېرىشكە توغرا كېلەتتى» دېدى رېيىم ياسىن. «ھازىرقىسى زامانىۋى كېۋەز تېرىش ئەندىزىسى بولۇپ، ئىلگىرىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، بۇنىڭدا ھەم ئادەم كۈچىنى تېجىگىلى، ھەم خىراجەتنى تېجىگىلى بولىدۇ».

  3- ئاينىڭ ئاخىرىدىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ئېلىپ ئېيتساق، ئىلگىرىكى تېرىقچىلىق ئېغىر ئەمگەك، چارچاپ كېتىدىغان ئەمگەك ئىدى. ئادەم كۈچىلىك بىر سېيالكىغا ئالتە ئادەم كېتەتتى، بىر كۈندە ئون نەچچە مو يەرنى تېرىغىلى بولاتتى. مايسا ئۈنگەندىن كېيىن يەنە نۇرغۇن ئادەم كۈچى كېتەتتى، مەسىلەن، مايسا ئەتراپىغا توپا يۆلەش، ئارتۇق مايسىلارنى يۇلۇۋېتىشكە توغرا كېلەتتى؛ ھازىر، ئىلغار بولغان شوپۇرسىز تۈجۈپىلىك سېيالكا بولغاچقا، بىر سېيالكىدا ھەر كۈنى 200 مودىن 400 موغىچە يەرگە ئۇرۇق سالغىلى بولىدۇ، بۇ، ئۇرۇق سېلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، ئۇرۇقنى تېجەپ قالدى، كېيىنكى مەزگىلدە يەنە مايسا شاللاش، توپا يۆلەش، سولياۋ يوپۇقنى ئېلىۋېتىش قاتارلىقلارنىڭ ھاجىتى قالمىدى، ھەر مو يەرنىڭ ئۇرۇق خىراجىتىدىن 50 يۈەن تېجىگىلى، مايسا شاللاش قاتارلىقلاردىن 100 يۈەندىن ئارتۇق تېجىگىلى بولىدۇ.

  5-، 6 - ئايلاردا كېۋەز تۈپلىرى تېز ئۆسۈپ، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە دېھقانچىلىق دورىسى چېچىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىلگىرى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ دورا چېچىلاتتى، بىر ئادەم كۈنىگە ئاران ئىككى - ئۈچ مو يەرنى تاماملىيالايتتى، ھەر مو يەرگە 15 يۈەندىن 20 يۈەنگىچە مەبلەغ كېتەتتى؛ ھازىر ئىلغار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن دورا چېچىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كۈنىگە 300 مودىن ئارتۇق يەردە مەشغۇلات قىلالايدۇ، ھېسابلاپ كەلسەك، ھەر مو يەرگە پەقەت بەش يۈەنلا كېتىدۇ. بىر ئۆسۈش پەسلىدە ئۈچ - تۆت قېتىم دورا چېچىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ يەنە بىر قىسىم خىراجەتنى تېجەپ قالدى.

  يەنە كېۋەزلىكنى سۇغىرىشتا، ئىلگىرى باستۇرۇپ سۇغارغاچقا، ھەر مو يەرگە بىر قېتىمدا تەخمىنەن 200 كۇب مېتىر سۇ كېتەتتى، بىر يىلدا سۇغا كېتىدىغان چىقىم 150 يۈەن ئەتراپىدا بولاتتى؛ تېمىتىپ سۇغىرىش سىستېمىسى ياتقۇزۇلغاندىن كېيىن، يېرىمغا يېقىن سۇ تېجىلىپ، ھەر مو يەرگە ھەر يىلى پەقەت 80 - 70 يۈەنلا سۇ پۇلى چىقىم قىلىنىدىغان بولدى.

  رېيىم ياسىن تەننەرخنى ئەڭ كۆپ تېجەيدىغان ھالقىنىڭ يەنىلا پاختا تېرىش ھالقىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئىلگىرى ئادەم كۈچى ئارقىلىق پاختا تەرگەندە، ھەر مو يەرگە 800 يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ كېتەتتى؛ ھازىر پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، بىر پاختا يىغىش ماشىنىسى 200دىن 300گىچە ئەمگەك كۈچىگە باراۋەر بولۇپ، ھېسابلاپ كۆرسەك، ھەر مو كېۋەزلىكتىكى پاختىنى يېغىۋېلىشقا ئاران 150 يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ كېتىدىكەن.

  «تەننەرخنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنىڭ ھەممىسىگە زامانىۋىلاشقان كېۋەز تېرىش ئەندىزىسى سەۋەب بولدى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ» دېدى رېيىم ياسىن.

  مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، 2017 - يىلى 6 - ئايدا، شايار ناھىيەسى ئۆگەن دەرياسى سۇغىرىش رايونىدا جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىنى يولغا قويغان، بۇنىڭغا 1 مىليارد 292 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يەتتە يېزا - بازاردىكى، 132 كەنتكە چېتىلىپ، 500 مىڭ مو ئېتىزنى قاپلىغان. بۇ تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى 20 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ «پارچە يەر»ىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك «چوڭ سالا ئېتىز»غا ئايلاندۇرۇپ، ئېرىقچە، سۇغىرىش ئېرىقى، ئېتىز قىرلىرىنى %40 ئەتراپىدا ئازايتىپ، يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى %10 ئەتراپىدا ئۆستۈرگەن. كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىشقا ئەگىشىپ، شايار ناھىيەسىدە كېۋەز تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى كۆپەيدى ھەم شۇ جاينىڭ توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، زور بىر تۈركۈم ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  زاپاس كۈچ نەدىن كېلىدۇ؟

  كېۋەز تېرىش پەسلىدە، ئېتىز باشلىرىدا ئاكتىپ ئىشلەۋاتقانلاردىن دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى ھەيدەۋاتقان دېھقانلار بولۇپلا قالماي، يەنە تېخنىكا، مۇلازىمەت يەتكۈزۈۋاتقان يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىمۇ بار.

  2020 - يىلىدىكى ھوسۇل تىلغا ئېلىنغاندا، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق بازىرى ئاقيار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاۋ بەيۋېي مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى كېۋەزنىڭ سورتى شالغۇت ئىدى، ھەر مو يەردىكى چىگىتلىك پاختىنىڭ ھوسۇلى 350 كىلوگىرامغىمۇ يەتمەيتتى. بۇلتۇر مەن ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز سورتىنى تاللاپ تېرىغاندىن كېيىن، ھەر مو كېۋەزلىكنىڭ چىگىتلىك پاختا ھوسۇلى 400 كىلوگىرامدىن ئاشتى. مەن 200 مو يەرگە تېرىدىم، كىرىمىم كۆرۈنەرلىك ئاشىدىغان بولدى!»

  ئاۋات ناھىيەسى «جۇڭگو ئۇزۇن تالالىق پاختا ماكانى» بولۇپ، قانداق قىلغاندا پاختىكارلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئاۋات ئۇزۇن تالالىق پاختا سۈپەتلىك ماركىسىنى زورايتقىلى بولىدۇ، يەرلىك ھۆكۈمەت پاختىكارلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا زور كۈچ سەرپ قىلدى.

  ئاۋات ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ۋاڭ تۇڭرېن مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسى ئىلگىرىكى يىللاردىكى كېۋەز سورتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خۇسۇسىيىتى، ئېتىز ھوسۇلى، سۈپىتىنى باھالاش ۋە بازار ئېھتىياجى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئۇرۇق ئىجازىتى ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش ۋە مۇلازىمەتنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى سۈپەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېتىز پەرۋىشىدىكى تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيە، يېزىلاردىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى پۈتۈن جەريانلىق قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، شاخ - شۇمبىلارنى ئېتىزغا قايتۇرۇش، ئورگانىك ئوغۇت بېرىش، تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاش، تۈجۈپىلىك ئۇرۇق سېلىش، سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، كېسەل ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ يېشىل ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ماشىنىدا يىغىۋېلىش قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن تېخنىكىلارنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ ۋە قوللىنىپ، خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەننەرخىنى تېجەپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى.

  «ئۆي خىزمەتچىسى شەكلى»دىكى مۇلازىمەت كەڭ پاختىكارلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى، يۇرتىغا قايتقان بىر قىسىم داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ كېۋەز سورتى يېتىشتۈرۈش، تېرىش ياكى پىششىقلاش سېپىگە قوشۇلدى. بۇلتۇر ئاۋات ناھىيەسى گەرچە تۆۋەن ھوسۇللۇق كېۋەزلىكتىن 50 مىڭ 100 مونى قىسقارتقان بولسىمۇ، لېكىن مو بېشى ھوسۇلى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 12.2 كىلوگىرام ئاشتى. ۋاڭ تۇڭرېن مۇنداق دېدى: بۇ يىل پۈتۈن ناھىيە تۆۋەن ھوسۇللۇق كېۋەزلىك كۆلىمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا 100 مىڭ مو ئەتراپىدا قىسقارتىپ، «سورت سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئوزۇقلۇق يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى سەپلەش، يەر تۈزلەپ تېرىشنى قاتتىق تۇتۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ تەدبىر ئارقىلىق، پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، تېرىقچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ