مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2020.09.11 15:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايون ساياھەت خىزمىتىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

  دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ساياھەت خىزمىتىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى چۆرىدىلىپ، نۆۋەتتىكى ساياھەت تەرەققىيات ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا چەك قويۇش، ئالدىن كېلىشىش، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ساياھەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىپ، كۆپ مەنبەلەشكەن ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ پەرقلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. ساياھەت تەشۋىقات ماركېتىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» ساياھەت بازىرى ماركېتىڭ پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ساياھەت مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ سەمىمىي تىجارەت قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسىپ ئاساسىي تىرىكىنى پۇختىلاپ، مۇھىم، چوڭ تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. ساياھەت كەسپىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ، «14 - بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ساياھەت يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى يېتىلدۈرۈپ، بەرپا قىلىپ، ئىختىساسلىقلار تىرىكى سۇپىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ساياھەت ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇشنى تېزلىتىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ