مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدا چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش 28-چېسلا باشلىنىدۇ

2019.08.26 16:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان يۇرتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 8-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلىنىپ، 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. تىزىملىتىش توردا ئالدىن تىزىملىتىش ۋە نەق مەيداندا تىزىملىتىپ ئۇچۇرىنى نەقلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدىكەن. ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر نەق مەيداندا تىزىملىتىپ ئۇچۇرىنى نەقلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلىدىكەن ھەمدە مۇددەتتىن بۇرۇن شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان يۇرتى ئورگان تور بېكىتىدە «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn)» دا ئېلان قىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2019-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن تېخنىكومغا ئۆرلەش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش ۋە تېخنىكوم باشلىنىش نۇقتىسىدىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى مۇنۇلارنى قارار قىلدى: بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان تۈرىدە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىسى تولۇق ئىجرا قىلىنىپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىر تۇتاش بېكىتكەن ئىمتىھان سوئالى قوللىنىلىپ، چەت ئەل تىلى دەرسلىرىدىن باشقا ھەممىسىدە دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزىنى ئىشلىتىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانى خىزمەت كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن، ئىمتىھان ۋاقتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بولۇپ، رەسمىي ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە بولىدۇ؛ تاماملانمىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدا بىر تۇتاش ئاشكارا ھالدا ئارزۇ توپلاپ قوبۇل قىلىنىدۇ، ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە بولىدۇ. قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلار شۇ چاغدا «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»غا تىزىملىتىپ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنغان، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئورۇندالمىغان ئالىي مەكتەپلەر ۋە كەسىپلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئارزۇ توپلاشقا قاتناشسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ