باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى خىزمىتى يىغىنى ئاچتى

2017.03.13 14:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 3-ئاينىڭ 11-كۈنى پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەملىكەتلىك پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈردى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپ، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  لى پېڭشىن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەزمەن «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە ئارقىلىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ ئىرادىسى، تەشەببۇسى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىدىكى تەلەپلەرنى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مۇھىم تەدبىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كاللىنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ ۋە سىياسىي ئىرادىنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىكى تۈزۈمنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ توغرا يولنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەش، نىشان ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق يېتەكلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يانداش نىزام، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى قائىدە چىقىرىش، قائىدىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، قائىدىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىزاھلاش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام، تۈزۈمىنىڭ سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى خىزمىتىنىڭ ئىدىيەسى ۋە تەپەككۇر شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام، تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ، مەزمۇنى ئىلمىي، تەرتىپى قاتتىق، مۇكەممەل يۈرۈشلەشكەن، ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلىدىغان پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام، تۈزۈم سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشۋىق-تەربىيە، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قائىدە چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قائىدىنى ئىجرا قىلىشقا سەل قارايدىغان ئەھۋاللارنى تۈگىتىپ، مىخ روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام، تۈزۈملىرىنى ئىجرا قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، نىزام، تۈزۈملەرنىڭ كەسكىنلىكى ۋە نوپۇزىنى قوغداش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ تەشكىلىي كاپالىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ باھالاش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر