باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭجۇدا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىش خىزمىتى يولغا قويۇلدى

2017.03.13 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭجۇ ساقچى تەرەپ يېقىندا گۇاڭشى، ئىچكى موڭغۇل، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ، شىزاڭ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم رايونلىرىدىكى ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىش خىزمىتىنى رەسمىي يولغا قويدى. شۇ چاغدا، مەملىكەت بويىچە ئەسلى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىن ئايرىلىپ گۇاڭجۇ شەھىرىگە كېلىپ قانۇنلۇق ھالدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىشلەۋاتقان، ئوقۇشقا كىرگەن ۋە ئولتۇراقلىشىپ قالغان، ئەمما بۇ شەھەرنىڭ نوپۇسىدا بولمىغان كىشىلەر، كىملىكنى باشقا جايدا بېجىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن شەرت ئاستىدا، گۇاڭجۇ شەھىرىدە ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغان شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا بېرىپ كىملىك ئالماشتۇرۇشقا ۋە تولۇقلاپ ئېلىشقا بولىدۇ.

  تۇنجى قېتىم ئاھالىلەر كىملىكى ئىلتىماس قىلغاندا، يەنىلا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئەسلى نوپۇس تۇرۇشلۇق جايىغا قايتىپ بېجىرىش لازىم. بۇندىن بۇرۇن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، گۇاڭجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بۇلتۇر 7- ئايدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خەينەن ئۆلكىسى قاتارلىق 27 ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىش خىزمىتىنى يولغا قويغان ئىدى.

  گۇاڭجۇ ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىش خىزمىتىدە مۇئەييەن شەرتنى ئورۇنلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئىلتىماس قىلغۇچىلار گۇاڭجۇ جىندۈن تۈرى، «گۇاڭجۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى» ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ۋە نوپۇس ئىشلىرى كەسپىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھالدا مەسلىھەت بېرىشكە ئالدىن كېلىشىش سۇپىسى قاتارلىقلارغا چىقىپ، كونكرېت كىنىشكا بېجىرىش رەسمىيىتى ۋە كىنىشكا بېجىرىش ئورنىنى تەكشۈرسە بولىدۇ، يەنە 12345 ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسىمۇ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر