باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنخۇي ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاۋ لى ۋەكىل

«ئائىلە زوراۋانلىقى جىنايىتى» دېگەن جىنايەت نامىنى قوشۇپ تەسىس قىلىشىنى تەكلىپ قىلدى

2017.03.13 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندىن بېرى، ئائىلە زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ئەۋج ئېلىپ ئېغىر جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغان ۋەقەلەر پات-پات يۈز بېرىپ كەلمەكتە. 2016- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى رەسمىي يولغا قويۇلغان ئىدى. يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، مەزكۇر قانۇن ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى، شۇنىڭ بىلەن، ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ئۈنۈملۈك قوغدالدى.

  مەزكۇر قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاياللارنىڭ ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئېڭى بارغانسېرى كۈچىيىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئاگاھلاندۇرۇش قەغىزى ئىلتىماس قىلىدىغان ۋە سوت مەھكىمىسىدىن جىسمانىي جەھەتتىن قوغداش بۇيرۇقى ئىلتىماس قىلىدىغان ئاياللارنىڭ سانى كۆپەيگەن. دەسلەپكى قەدەمدىكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2016- يىلى كىرگەندىن بۇيان، ئەنخۇي ئۆلكىسىدە ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ پاناھلىنىش ئورنى ۋە پاناھلاندۇرۇش ئاپپاراتلىرى دېگەندەك 44 ئورۇن ۋە ئاپپاراتلاردا ياردەمگە ئېرىشكەن ئاياللارنىڭ سانى 378 ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن.

  نۆۋەتتە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئائىلە زوراۋانلىقىنى جىنايى ئىشلار دېلوسى قاتارىغا كىرگۈزگەن، لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن سىستېمىسىدا، «ئائىلە زوراۋانلىقى جىنايىتى» دېگەن بۇ جىنايەت نامى تېخى تەسىس قىلىنمىغان، ئېغىر جىنايەت شەكىللەندۈرگەن ئائىلە زوراۋانلىق قىلمىشى كۆپ ھاللاردا «قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى»، «خورلاش جىنايىتى» ۋە «قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى» قاتارلىق ماددىلاردىلا كۆرۈلۈپ كەلدى، ھەمدە جىنايەت نامىنى بېكىتىش جەھەتتىمۇ ئەھۋال بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ كەلدى. ئائىلە زوراۋانلىقىنى، بولۇپمۇ ئېغىر ھالدىكى ئائىلە زوراۋانلىق قىلمىشىنى تېخىمۇ قاتتىق جازالاش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى، يەنى، جىنايى ئىشلار قانۇنىدا «ئائىلە زوراۋانلىقى جىنايىتى» دېگەن بۇ بىر ماددىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن ئائىلە زوراۋانلىقى قىلمىشلىرىنى ئايرىم ھالدا جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاپ، جىنايەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە جىنايەتتىكى مۇھىم پاكىتلارنى ئوبدان ئېنىقلاپ، ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا قوللىنىلىدىغان جازالاش تەدبىرلىرىگە قارىتا تەپسىلىي بەلگىلىمە بېكىتىپ، شۇ بويىچە جازا بېرىش كېرەك، دېگەن تەكلىپلەرنى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر