باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (1)

2017.03.13 14:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇھىم سۆز قىلدى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېتەكچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق -ئىناق، گۈللەنگەن-باي، مەدەنىي-تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيلىق يۈكسەكلىك نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014-يىلى شىنجاڭنى شەخسەن ئۆزى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە دائىر بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى بېكىتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى − ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك، بۇ باش نىشاننى چىڭ تۇتۇپ، باشلامچىلىق رول ئويناش كېرەك. بۇ قېتىم باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە شۇنچە ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە بولغان ياخشى تىلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەممە بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندى ۋە قاتتىق ھاياجانلاندى.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش − باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى. شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى، ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ئالاھىدە، شۇڭا شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئوتتۇرىغا قويغان زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىلمىي بەلگىلىگەنلىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى بولۇپ، دەۋر بۆلگۈچ، سىمۋوللۇق، نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇھىم سۆز قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەشنى تەكىتلىدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېنىق تەلەپ ۋە مۇھىم يوليورۇق. ھازىر شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى پۇختىلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش باسقۇچىغا كىردى، شۇڭا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى شىنجاڭنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتىكى ئومۇمىي پىروگرامما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق خىزمەتلەرنى بۇ باش نىشانغا بويسۇندۇرۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، بۇ باش نىشاننى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇپ، پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، باش شۇجىنى خاتىرجەم قىلىشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنى رازى قىلىشىمىز كېرەك.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يۇقىرى قاتلامدىن ئېيتىلغان، مەزمۇنى مول، چوڭقۇر ۋە سەمىمىي بولۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىلمىي كۆرسەتكۈچ ۋە تۈپ مىزان. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك زور سىياسىي ۋەزىپىسى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ رېئال تەلىپى بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشىمىزدە زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار، ئورۇنلار ۋە تارماقلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، سۆزنىڭ روھى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىدىيە ۋە ئىرادىنىڭ يۈكسەك بىرلىككە كېلىشىگە، ھەرىكەت رېتىمىنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور نەزەرىيەۋى قاراش، زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە ۋە زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، سۆزنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق چۈشىنىپ، قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، كاللىغا ئورنىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، تونۇشنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈش، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

  سەمىمىي غەمخورلۇق ئىشەنچنى ئاشۇردى، زور مەدەت كۈچلەرنى مۇجەسسەملىدى. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە مېھىر-شەپقىتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە تىرىشىشىلا بولىدىكەن، بىز باش نىشانغا جەزمەن يېتەلەيمىز، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى تېخىمۇ ياخشى يارىتالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر