باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسىدە يېزىلاردىكى 80 قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى

2017.03.11 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، راھىلە مۇرتىزا خەۋىرى) ئونسۇ ناھىيەسىدە ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ 2017-يىللىق يېزا قوش تىل يەسلى تۈر قۇرۇلۇشىدا ئارقا-ئارقىدىن رەسمىي ئىش باشلاندى. تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، ناھىيەدىكى مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ ھەممىسى قوش تىل يەسلىسى بىلەن تولۇق قاپلىنىپ، بۇ يىل 9-ئايدا ناھىيە بويىچە يېزىلاردىكى تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ۋە ئۆز جايىدا ئۈچ يىل ھەقسىز قوش تىل يەسلى مائارىپىنى قوبۇل قىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  توخۇلا كەنتىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى ناچار بولۇپ، بالىلار يەسلىسى يوق بولغاچقا، كەنتتىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار يېزىنىڭ يەسلىسىگە بېرىپ ئوقۇيتتى، بۇنىڭ بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىلارنى يەسلىگە ئەكىلىشى، ئېلىپ كېتىشى قولايسىز ئىدى، ھازىر كەنتتىكى يەسلىمۇ رەسمىي قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، 9-ئايدا بالىلار يېڭى سېلىنغان بۇ يەسلىدە قوش تىل ئۆگىنەلەيدىغان بولدى ھەمدە كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولۇشتى.

  توخۇلا يېزىسى توخۇلا كەنت قوش تىل يەسلى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇلى چېن جۈنلوڭ مۇنداق دېدى: توخۇلا كەنت يەسلىسىنىڭ ئىگىلەيدىغان يەر كۆلىمى 550 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، يەسلى ئىككى قەۋەتلىك قىلىپ سېلىنىدۇ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 1110 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ھازىر قۇرۇلۇشنى رەسمىي باشلىۋەتتۇق، پۈتۈن قۇرۇلۇشتا ئىش باشلانغاندىن تارتىپ 100 كۈن ئەتراپىدا تاماملاشنى پىلانلىدۇق.

  ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلى ئونسۇ ناھىيەسىدە 149 مىليون 870 مىڭ يۈەن قۇرۇلۇش مەبلىغى سېلىپ، جەمئىي 80 كەنتتە قوش تىل يەسلى تۈر قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن سېلىنىدىغىنى 63، ئۆزگەرتىپ ۋە كېڭەيتىپ سېلىنىدىغىنى 17 بولۇپ، پىلان بويىچە 366 سىنىپ ئېچىلىدىكەن. بۇ 80 قوش تىل يەسلىسى ئونسۇ ناھىيەسىدىكى 13 يېزا-بازار، ئىككى باشقۇرۇش رايونى ۋە ئۈچ باغچە رايونىنى قاپلايدىكەن.

  ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى تۈر قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ لىنا مۇنداق دېدى: ناھىيەمىزدىكى 80 يېزا قوش تىل يەسلى تۈر قۇرۇلۇشىدا 1-مارت ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى، بۇ تۈرنىڭ پىلاندىكى ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 74 مىڭ 935 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مۆلچەرىمىزچە، يەسلى قۇرۇلۇشى 8-ئاينىڭ بېشىدا تاماملىنىپ، 9-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، يەسلى پۈتكەندىن كېيىن، 10 مىڭ 980 بالا نەپكە ئېرىشىپ، يېقىن جايدا يەسلىگە كىرىپ ئوقۇيالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر