باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەتىيازلىق ئوسىنىڭ ۋاقتىدا بولۇشى دېھقانلارنى خۇش قىلدى

2017.03.11 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمان ئوبۇل، ليۇ خۇييىڭ خەۋىرى) ئونسۇ ناھىيەسىدە 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ۋاقىت چىڭ تۇتۇلۇپ، يەرلەر ئەتىيازلىق ئوسا قىلىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بۇ يىلقى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە ئاساس سېلىندى.

  ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسىدىكى دېھقان سەمەت مەمەت ئەمدىلا ئوسا قىلىپ بولغان چىلانلىقىنىڭ ئېچىقىنى ئەتكەچ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئەتىيازدا سۇ بىر قەدەر كېچىكىپ كېلىپ، ئەتىيازلىق ئوسا كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇلتۇر چىلانلىرىمنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئاز بولۇپ قالدى. ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدە بۇلتۇر قىشتىن بۇ يىل ئەتىيازغىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر ئاز بولدى. شۇڭلاشقا بۇ يىلقى ئەتىيازلىق ئوسا قىلىش ھەممىدىن مۇھىم. بۇ يىل ئەتىيازدا سۇ بالدۇر كەلدى. بۇ يىل چىلانلىرىمغا ۋاقتىدا سۇ قويۇۋالدىم. ئەھۋالغا قارىغاندا بۇ يىلقى چىلان مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا ياخشى بولۇشى مۇمكىن.

  گۈلئاۋات يېزىسى ئونسۇ ناھىيەسىدىكى تېرىلغۇ كۆلىمى چوڭ بولغان يېزىلارنىڭ بىرى. ھەر يىلى ئەتىيازلىق ئوسا مەزگىلىدە گۈلئاۋات يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ بېشى قاتاتتى. بۇ يىل ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك سۇچىلىق تارماقلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بالدۇر تۇتۇش قىلىپ، سۇنى قۇيۇپ بېرىپ، ئەتىيازلىق سۇغىرىشنىڭ دەل ۋاقتىدا، سۇ مىقدارىنىڭ يېتەرلىك، سۇنىڭ ھەر بىر ئائىلىگىچە بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  ناھىيەلىك تېرەڭ دەرياسى سۇ باشقۇرۇش باش پونكىتى گۈلئاۋات يېزىلىق شۆبە پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەخمەت موللامەت مۇنداق دېدى: گۈلئاۋات يېزىسىنىڭ بۇ يىلقى ئەتىيازلىق سۇغىرىش كۆلىمى 60 مىڭ مو بولۇپ، بۇ يىل ئەتىياز كىرگەندىن بويان بىز 18 مىڭ مو يەرنى سۇغىرىپ بولدۇق. بىز خىزمەت سۈرئىتىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، ئەتىيازلىق ئوسا خىزمەت ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا تاماملاپ، دېھقانلارنىڭ بۇ يىل ھوسۇلىنى ئاشۇرۇپ، كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە ئاساس سالىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر