باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۆمۈرلۈك ياخشى تۇغقانلاردىن بولىمىز»

2017.03.11 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى) 8-مارت، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ كادىرى شيا يۇفاڭ ئىدارىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇمشۇق بازىرى يۇقىرىقى سىرىم كەنتىگە كېلىپ، كەنت كومىتېتى قورۇسى ئىچىگە كىرىشىگىلا، ئۈچ ياشلىق ئۇيغۇر قىزچاق «ئاپا...» دەپ توۋلىغىنىچە، ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى.

  قىزچاقنىڭ ئىسمى نازشېرىن ياقۇپ بولۇپ، ئۇ شيا يۇفاڭ تۇغقان بولغان ئائىلىنىڭ بالىسى ئىدى.

  ياندا تۇرغان نازشېرىننىڭ ئاپىسى چىمەنگۈل تۆمۈر مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ بۈگۈن كېلىدىغانلىقىڭلارنى ئاڭلاپ، قىزىم ئەتىگەندىلا بۇ يەرگە كېلىپ سىلەرنى ساقلىدى، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولدى، بىز سىزنى بەكمۇ سېغىندۇق.

  شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 لاردا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر كەنت كومىتېتى قورۇسىغا يىغىلىپ، بۇ ئىدارىدىن 4-تۈركۈمدە كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ھەمدە كەنتتىكى دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەت «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ئىمزا قويۇش مۇراسىمى بىلەن باشلاندى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزئارا گۈل ۋە سوۋغا بېرىشتى، دېھقانلار ئۆزلىرى تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئورۇنلىغان نومۇر دېھقانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  كۆپچىلىك ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىغاندا، نازشېرىن ياقۇپ شيا يۇفاڭنىڭ قۇچىقىدىن چۈشمىدى، شيا يۇفاڭ مۇنداق دېدى: مەن 3-تۈركۈمدە كەنتتە تۇرغان ئىدىم، شۇڭا دېھقانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم بەك ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇلتۇر نازشېرىننىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن تۇغقان بولغان، شۇڭا بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز بەك يېقىن.

  چىمەنگۈل تۆمۈر مۇنداق دېدى: بۇلتۇر بىز قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن كېيىن، شيا يۈفاڭ بىزگە بەك ئوبدان قارىدى، بالامنىڭ كىيىملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ سوۋغا قىلغان، ئۇ دائىم بىزنى يوقلاپ تۇرىدۇ، يەنە بىزگە نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ كادىرى چى جيەنخۇانىڭ تۇغقىنى رۇشەنگۈل مۇسا مۇنداق دېدى: مەن بۈگۈن تۇغقانلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە سەرخىل نومۇرلارنى كۆرۈپ، خۇددى ھېيت ئۆتكۈزگەندەك خۇش بولدۇم.

  يۇقىرىقى سىرىم كەنتىدىكى دېھقان تۇنىياز سىدىق ئويۇن كۈرۈۋېتىپ توختىماي يېشىنى سۈرتتى، تۇنىياز سىدىقنىڭ ئۆيىدە تۆت جان بولۇپ، ئوغۇلى 2-دەرىجىلىك مېيىپ ئىدى، خوتۇنىمۇ كېسەلچان بولۇپ، ئەمگەك قىلالمايتتى، ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، قىزى تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئوقۇماي، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىۋاتاتتى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دەي شېڭجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن تۇنىياز سىدىقنىڭ قىزى «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بويىچە 10 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى»غا قاتنىشىپ، ھەقسىز تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، ئاقسۇدىكى بىر مېھمانساراي بىلەن ئىش توختامى ئىمزالىدى.

  شۇ كۈنى يەنە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر