خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى) بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كۇچا ناھىيەسىنىڭ بېھىشباغ يېزىسىنىڭ چىنەباغ كەنتى ۋە ئوچا بازىرىنىڭ 3-ئوچا كەنتىگە جايلاشقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسى مايسا تېرىش، پەرۋىش قىلىش، پارنىكچى دېھقانلارنى مايسا بىلەن تەمىنلەش بىلەن تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ مايسا يېتىشتۈرۈش بازىلىرى بۇلتۇر دېكابىردىن بۇ يىل 26-يانۋارغا قەدەر پارنىكچى دېھقانلارنى 2مىليون 300مىڭ تۈپتىن ئارتۇق ئەلا سورتلۇق قوغۇن-تاۋۇز، سەي-كۆكتات مايسىسى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانلارنىڭ مايسىلارنى ۋاقتىدا يۆتكەپ، كۆچۈرۈپ، مەھسۇلاتلىرىنىڭ بالدۇرراق بازارغا سېلىنىپ، ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس يارىتىپ بەرگەن .
ئىگىلىنىشچە، ناھىيە بۇيىچە 2200دىن ئارتۇق پارنىكلارغا مايسا كۆچۈرۈش خىزمىتى يانۋارنىڭ ئاخىرغىچە ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلىشىپ، بۇ يىل ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىك بازارنى قوغۇن-ياۋۇز ۋە سەي-كۆكتات بىلەن تەمىنلەش كاپالەتلەندۈرۈلۈش بىلەن بىرگە پارنىكچى دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن .
سۈرەتتە: 26-يانۋار بېھىشباغ يېزىسىنىڭ چىنەباغ كەنتىگە جايلاشقان مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى خادىملار مايسا تېرىش، پەرۋىش قىلىش، مايسا بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش ئىشلىمەكتە .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى