باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تور سۇپىسى ئېچىلدى

2014.12.01 14:29         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىلاقىز بەكرى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۆھرەت زاكىر بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈننىڭ 25 – نويابىر چۈشتىن كېيىن كىرىستال شارچىنى بىرلىكتە ھەرىكەتلەندۈرۈشى بىلەن، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تور سۇپىسى رەسمىي ئېچىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋەكىللەرنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ، 4 – ئومۇمىي يىغىنلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەكىللەر تور سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەر بىلەن ئاممىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى تەڭرىتاغ تورى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تور سۇپىسىنى تەسىس قىلدى.

  شۆھرەت زاكىرنىڭ تەستىقىدا مۇنداق دېيىلگەن: توردىن پايدىلىنىپ خەلق ۋەكىللىرىنى تەشۋىق قىلىش ياخشى ئۇسۇل، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ساقلاشقا پايدىلىق. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگانلىرىنىڭ بۇ سۇپىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نىزام تۈزۈش ۋە نازارەتچىلىك خىزمىتىگە قاتنىشىش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئۆز بۇرچىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئۇقۇشىمچە، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تور سۇپىسىدا ‹‹يېڭى ئەھۋال››، ‹‹خەلق قۇرۇلتىيى مۇنبىرى››، ‹‹ۋەكىللەر خىزمىتى››، ‹‹ۋەكىللەر خىسلىتى›› قاتارلىق سەھىپىلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يېزىق، سۈرەت، سىن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىشتىكى ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرى تەشۋىق قىلىنىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، مۇتەللىپ قاسىم، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن تور سۇپىسىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر