باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ يېزا ئىسلاھاتىدا تېخىمۇ جانلىق تەجرىبىلەرنى يارىتىشنى تەكىتلىدى

2014.12.01 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىسلاھاتى سىناق رايون خىزمىتى ئالماشتۇرۇش يىغىنى تۈنۈگۈن ئەنخۇينىڭ خېفېي شەھىرىدە ئېچىلدى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا ئىسلاھات سىناق رايونى-يېزا ئىسلاھات سىنىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھەر تەرەپلىمە سەھنىسى. بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن شەھەر-يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يېزا يەر تۈزۈمى، يېزىلارنى قوللاش، قوغداش سىستېمىسى، يېزا پۇل مۇئامىلە تۈزۈمى، يېزا كوللېكتىپ ئىگىدارلىق ھوقۇقى تۈزۈمى، يېزىلارنى تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق تەرەپلەر ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، نۇسخىلاش، كېڭەيتىشكە بولىدىغان بىر تۈركۈم تەجرىبىلەرنى تېرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش؛ يېزا ئىسلاھات سىنىقىغا تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىناق لايىھەسىنى ئەتراپلىق تۈزۈپ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالىي لايىھەلەش بىلەن پاراسەتلىك ئىش قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەم مۇھىم نۇقتىنى، يېڭىلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش ھەم سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئاخىرقى چەكنى چىڭ تۇتۇش؛ ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش، خېيىم-خەتەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ تىزگىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنى باشتىن-ئاخىر توغرا يولنى بويلاپ ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن يەنە قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر يېزا ئىگىلىك، يېزا خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، كېلەر يىللىق يېزا ئىگىلىك، يېزا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر