باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئەتراپىدىن ئۆتىدىغان BRT بېكەتلىرى يۆتكىلىدۇ

2014.12.01 23:55         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاساسلىق رايونلاردىكى يول بۆلەكلىرىدە شەھەر قاتنىشى بېسىمىنى يېنىكلىتىش، مۇھىت بۇلغىنىشنى تىزگىنلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئاممىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى يېقىندا يەنە BRT بېكەتلىرىنى شەھەر ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئەتراپىدىن ئۆتىدىغان BRT بېكىتىنى يۆتكەشنى قارار قىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك رېلىسلىق قاتناشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى) مۇناسىۋەتلىك ئىدارە – ئورۇنلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئەتراپىدىن ئۆتىدىغان 3 -BRT لىنىيەسى بىلەن 7 – لىنىيەسىنىڭ بېكىتىنى پاراللېل يۆتكەشنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتكەنىدى. شەھەر ئاھالىسىنىڭ نورمال يول يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك رېلىسلىق قاتناشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى بۇ قۇرۇلۇشنى 29 - نويابىردىن باشلاپ ئىشلەشنى، بۇ مەزگىلدە يېكەنكۆل شىمالىي يولىدا ئاپتوموبىللارغا مەخسۇس لىنىيە ئاجرىتىشنى بېكىتكەن. ھەر قېتىملىق پاراللېل يۆتكەش قۇرۇلۇشىغا ئاز دېگەندە تۆت كۈن ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، ھازىر يېڭى بېكەتنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىسى، قۇراشتۇرۇش خىزمىتى پۈتۈپتۇ، كونا بېكەتتىكى بىخەتەرلىك ئىشىكى، ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئەسلىھەلەر بېكەت ئومۇميۈزلۈك يۆتكەلگەندە بىللە يۆتكەپ قۇراشتۇرۇلىدىكەن. قۇرۇلۇش جەريانىدا بۇ بېكەتلەردە ئاپتوبۇس توختىمايدىكەن.

  BRT بېكىتىنى پاراللېل يۆتكەش تېخنىكىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى قېتىم قوللىنىلغان يېڭى تېخنىكا بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشقا شەھەرلەردە بۇ تۈردىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىدا يېتەكچىلىك رول ئوينايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر