باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ رايونىدا يېڭىدىن يەتتە مەكتەپ قۇرۇلىدۇ

2014.12.01 23:55         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى 25-نويابىر ‹‹مائارىپتا كۈچلۈك رايون›› قۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىردى. يىغىندىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ رايوندا 2020-يىلىغىچە يېڭىدىن يەتتە مەكتەپ، تۆت بالىلار باغچىسى قۇرۇلىدىكەن.

  ھازىر بۇلاقتاغ رايونىدا 46 بالىلار باغچىسى بار ئىكەن. 2017-يىلىغىچە ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى بالىلار باغچىسى بىلەن پۇقراۋى بالىلار باغچىسىنىڭ نىسبىتى ئاشۇرۇلىدىكەن. بۇ يىل شەھىرىمىزنىڭ ‹‹ۋاڭجيالياڭ›› تەۋەسىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى بالىلار باغچىسى پۈتكەن بولۇپ، كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا ئوقۇش باشلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى بالىلار باغچىسىدىن ئىككىسى سېلىنىۋاتقان بولۇپ، بىرى ‹‹باغچە››يولى بويىدا، يەنە بىرى كۆرگەزمە مەركىزى ئەتراپىدا ئىكەن، بۇ بالىلار باغچىلىرى كېلەر يىلى پۈتىدىكەن. بۇلاقتاغ رايونىدا ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۈچى بار ئىكەن، بۇ رايون 2017- يىلىغىچە بۇ مەكتەپلەرنىڭ يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، مائارىپ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر