باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تۈركۈم يېڭى قانۇن-نىزام، قائىدە-تۈزۈم 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2014.12.01 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىخەتەرلىككە ياتىدىغان ھادىسىلەردە ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ

  بىر تۈركۈم يېڭى قانۇن-نىزام، قائىدە-تۈزۈم 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ:

  1. يېڭىدىن تۈزۈتىلگەن «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى» 12-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلىدۇ. تۈزۈتىلگەندىن كېيىنكى «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن» دا ئىشلەپچىقىرىش-ئىگىلىك باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى جازالاش سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى. قانۇندا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ئورۇنلارغا ئادەتتىكى، ئېغىرراق، زور، پەقۇللاددە زوردىن ئىبارەت تۆت خىل ھادىسە دەرىجىسى بويىچە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 200 مىڭ يۈەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇش بەلگىلەندى.

  2. سەرگەندان بالىلارنى بېقىش بوسۇغۇچى ئېگىزلىتىلدى

  12-ئاينىڭ 1-كۈنى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تۈزگەن «ئائىلىدە بېقىشنى باشقۇرۇش چارىسى» رەسمىي يولغا قويۇلدى. باشقۇرۇش چارىسىدە، ھەر باققۇچى ئائىلە بېقىۋالىدىغان بالا ئىككىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، يەنە كېلىپ بۇ ئائىلىدە 6 ياشقا توشمىغان بالا بولماسلىقى كېرەك. مېيىپ بالىلارنى بېقىشتا، داۋالاش، ئالاھىدە تەربىيىلەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىش شارائىتىنى ھازىرلىغان مەھەللىلەردىن ئۇلارغا باققۇچى ئائىلە تېپىشنى ئاۋۋال ئويلىشىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

  3. ساختا دورا سېتىپ، ھامىلدار ئاياللار، بوۋاقلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلار ئېغىرلىتىلىپ جازالىنىدۇ

  ئالىي سوت مەھكىمىسى، ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى ساختا، ناچار دورا سېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن بىرلىشىپ تۈزگەن «دورا بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىشتە تەبىقلىنىدىغان قانۇنلاردىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا ئىزاھات» 12-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلدى، بۇنىڭدا يەتتە خىل ئەھۋالدا ئېغىرلىتىلىپ جازالاش بېكىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر