- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچى شەھىرىدە 80% ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۆلچەملىك تەنتەربىيە مەيدانى بولىدۇ
2014.07.22 09:24 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئۆلچەملىك پىلاستماسسىلىق يۈگۈرۈش يولى ، مۇكەممەل تەنتەربىيە مەيدانى ئەسلىھەلىرى ... نۆۋەتتە ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 45 ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىغا ئومۇميۈزلۈك خېرىدار چاقىرىش خىزمىتى تاماملىنىپ ، قۇرۇلۇش باشلاش باسقۇچىغا قەدەم قويدى ، سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۆلچەملىك تەنتەربىيە مەيدانلىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتى % 80 كە يېتىدۇ .
ئىگىلىنىشىچە ، ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدانلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىللىق 120 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى ئىكەن . ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جۈن : ‹‹ تەنتەربىيە مەيدانلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرى پىلانىغا 130 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ ، ھازىرغىچىلىك 30 نەچچە مەكتەپتە قۇرۇلۇش باشلىنىپ بولدى ، سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچىلىك قۇرۇلۇش تاماملاش پىلانلاندى . شۇنىڭ بىلەن شەھىرىمىزدىكى ئۆلچەملىك تەنتەربىيە مەيدانلىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتى % 80 كە يېتىدۇ ›› دېدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر