باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

نەدە (تۇرغۇن جالالىدىن)

2015.03.24 09:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ھىجىرنىڭ دەھشىتى كۆچمەي دىلىڭغا ئۇز نىگار نەدە؟
باھارنىڭ ئاپتىپى كۆيمەي چېچەكلىك ئۆز شىكار نەدە؟
ئېچىرقاش جابدۇغان كۆكلەم ۋىسالنىڭ بايرىمى شەكسىز،
سۈزۈكلۈك تاپمىسا رىشتە ئەجەم ئەۋجىگە تار نەدە؟
ئەزەلنىڭ قەيتىدە ئىزھار ئوشاقنى تاۋلىغان سەۋدا،
تاماشا بىلمەيىن دەردنى ئۈمىدكە قەد-چىنار نەدە؟
چاراقلار تۈن بېزەكىگە بولۇپ ئۆرنەك ھىلال، ئەختەر،
بىرە مەقبۇل قۇچاقىغا لاۋا چاچقان قارار نەدە؟
پورەكنىڭ ۋەسلىدە لەززەت سەھەردەك دىلغا ئۈندەيدۇ،
نىگارنىڭ تىۋىشى سىڭگەن ئۈپۈك ئەركى خۇمار نەدە؟
(«تارىم»نىڭ 2014-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر