باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سېنگاپورنىڭ سابىق زۇڭلىسى لى گۇاڭياۋ ۋاپات بولدى

2015.03.23 17:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى تورى 23- مارت تېلېگراممىسى. سېنگاپور زۇڭلىسى مەھكىمىسى 23- مارت ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتقا قارىغاندا، سېنگاپورنىڭ سابىق زۇڭلىسى لى گۇاڭياۋ 23- مارت سەھەر سائەت 3 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە سېنگاپور مەركىزى دوختۇرخانىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن 91 يېشىدا ۋاپات بولغان. لى گۇاڭياۋ سېنگاپورنىڭ تۇنجى زۇڭلىسى، شۇنداقلا سېگاپورنىڭ ھازىرقى زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭنىڭ ئاتىسى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لى گۇاڭياۋ سېنگاپور سىياسىي سەھنىسى تەدرىجىي چېكىندى ۋە جامائەت سورۇنلىرىغا ئاز كۆرۈنىدىغان بولدى، بىراق ئۇ سېنگاپور سىياسىي مۇنبىرىدە تەسىرى كۈچگە شەخسلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ھەر ساھە كىشلىرى ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق باھا بەردى:«لى گۇاڭياۋ ئەپەندى جۇڭگو- سېنگاپور مۇناسىۋىتىگە ئاساس سالغۇچى بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو- سېنگاپور مۇناسىۋىتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.»

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر