باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى سابىق يۇقىرى ئەمەلدارىنىڭ قورال كۆتۈرۈپ ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى

2015.03.23 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ لىپىڭ(پېنسىيىگە چىققان)، چىفېڭ شەھىرىدە 20-مارت قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ھازىر ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن قاماپ قويۇلغان، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.

  جاۋ لىپىڭ 1951-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي ئۆلكىسى يۈتيەن ناھىيەسىدىن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1976-يىلى 9-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، 1969-يىلى 4-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. ئىلگىرى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، نازىرى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

  ئايال ئۆزىنى ئاشكارلىماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرمەكچى بولغان

  ئىچكى موڭغۇلدىكى خەۋەردار كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى 28 ياشلىق ئايال بولۇپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ چىفېڭ شەھىرى سۇڭشەن رايونىدا تۇرىدىكەن، چىفېڭ شەھىرىدە كىيىم-كېچەك سودىسى قىلىدىكەن. ئەھۋالنى بىلگۈچىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جاۋ لىپىڭ 20-مارت كەچ ئاپتوموبىل ھەيدەپ چىفېڭ شەھىرىگە كېلىپ دېلو سادىر قىلغان. دېلو يۈز بەرگەن جاي چىفېڭ شەھىرى سۇڭشەن رايونىنىڭ پىيادىلەر كوچىسى ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆلگۈچى ئۆلۈشتىن بۇرۇن تېلېفون ئۇرۇپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان. جاۋ لىپىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەندىن كېيىن جەسەتنى ئۆزىنىڭ «ئاۋدى» ماركىلىق ئاپتوموبىلىنىڭ كەينى ساندۇقىغا سېلىپ، ئاپتوموبىل ھەيدەپ چىفېڭ شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يېرىم يولدا جەسەتنى تاشلىۋەتكەن. جاۋ لىپىڭ شۇ كۈنى كەچتە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كېشكىتىڭ خوشۇنىدا ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان. ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتى چىفېڭ شەھىرى سۇڭشەن رايونى داڭپۇدى مانجۇ يېزىسىدا تېپىلغان.

  ئەھۋالنى بىلگۈچىنىڭ دېيىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىلەن جاۋ لىپىڭنىڭ تونۇشقىنىغا ئۇزاق يىل بولغان، ئالاقىسى قويۇق بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جاۋ لىپىڭنىڭ ئاشنىسىكەن. لېكىن مۇخبىرلار جاۋ لىپىڭنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشتىكى مۇددىئاسىنى ھازىرغىچە بىلمىگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر