- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدا كېۋەزلىك زور دەرىجىدە ئازايتىلىدۇ
2015.03.23 18:44 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلىتىمىز پاختا مەھسۇلاتىنىڭ زور بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭدا 2015-يىلى كېۋەز تېرىش كۆلىمىنى 4مىليون 665مىڭ مو ئازايتىش پىلانلانغان بولۇپ، جەمئىي كۆلەمنىڭ %15.72نى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىمۇ كېۋەز تېرىش كۆلىمىنى بىر مىليون مو ئازايتىدۇ.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، كېۋەزلىكنى تەڭشەش 2014-يىلدىن بۇيان يولغا قويۇلغان پاختا نىشان باھاسى ئىسلاھاتىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى پاختا بازىرىنىڭ تەمىنات-ئېھتىياج ۋەزىيىتىنى ياخشىلاپ، پاختا باھاسىنىڭ مۇقىم يۈرگۈزۈلۈشىنى ساقلايدىكەن. نوپۇزلۇق زاتلارنىڭ ئانالىزىچە، ھازىر خەلقئارا-دۆلەت ئىچى پاختا زاكاز مالنىڭ باھاسى تۆۋەن بولغان، 2015-يىلىدىكى پاختا نىشان باھاسى ئالدىنقى يىلدىكى سەۋىيەدىن تۆۋەن بولىدىكەن، پاختا تېرىشنىڭ سېلىشتۇرما ئۈنۈمى ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر