شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، سۈن ياڭ مۇسابىقىدىن كېيىن غەلىبىسىنى تەبرىكلىمەكتە. شۇ كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2019-يىللىق مەملىكەتلىك سۇ ئۈزۈش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى ھەم دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسى ئەرلەر 200 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جېجياڭ كوماندىسى ماھىرى سۈن ياڭ 1 مىنۇت 45 سېكۇنت 73 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.