مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى كېلەر ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

تۈزۈم ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم

2019.11.13 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 11-ئاينىڭ 12-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى گوۋۇيۈەن سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن مېيجۈن، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قانۇن چىقىرىش 3-ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جېنجياڭنى ئەھۋال تونۇشتۇرۇشقا ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، لېكىن يېمەكلىك كەسپىنىڭ «كىچىك، تارقاق، تۆۋەن» بولۇش ئەندىزىسى تېخى تۈپتىن ئۆزگەرگىنى يوق، يېمەكلىكنىڭ «ئېتىزلىقتىن ئۈستەلگىچە» بولغان زەنجىرى ئۇزۇن، ھەجىمى چوڭ، خەۋپ- خەتەر تېگىشىش نۇقتىسى كۆپ بولماقتا. قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى تۆۋەن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تېخنىكا ۋاسىتىسى يېتەرسىز بولۇش، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بەزى كارخانىلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتتە چۈشكۈنلىشىپ، پايدا قوغلىشىپ قانۇننى بۇزۇشى سەۋەبلىك، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى يەنىلا پات-پات يۈز بېرىپ تۇرماقتا، تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېمەكلىك كەسپىنىڭ يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى ھۈنەر-سەنئىتى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى سودا ئەندىزىسى ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلگەچكە، مۇناسىپ قانۇن-تۈزۈم ئارقىلىق بازار سۇبيېكتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ يېتەكلەشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى 2009-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ بەزىلىرى كۆرۈنەرلىك يېتىشەلمىدى، بۇلارغا ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر.

  سۈن مېيجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئەڭ قاتتىق بولۇش» تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى ئاساسىدا كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»نى قوغداش كېرەك. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «نىزام» جەمئىي 10 باب، 86 ماددا بولۇپ، 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ