مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى بەس-بەستە سېتىش رېكورتلىرىنى يېڭىلىدى

قىزىپ كەتكەن «قوش 11»، كۈچلۈك ئىستېمال كۈچى

2019.11.12 15:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11 يىل ئۆتۈپ كەتكەن «قوش 11»لىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى ھازىر توردا ۋە تور سىرتىدا پارچە سېتىش كەسپىدىكىلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ ئىستېمال بازىرىنى كۆزىتىدىغان مۇھىم كۆزنەكمۇ بولۇپ قالدى.

  رېكورت ياراتقان بىر قاتار سانلار ئىستېمالچىلارنىڭ يېڭى ئېھتىياجىدىن تېخىمۇ توغرا ھالدا دېرەك بېرىدۇ.

  سائەت دەل نۆل بولغان ۋاقىتتىن ئېتىبارەن، ھەر قايسى چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى سودىنىڭ يۇقىرى دولقۇنلىرىنى كۈتۈۋالدى: جىڭدۇڭ سۇپىسىدا، ھاۋا تەڭشىگۈچ تۈرلىرىدە پەقەت 20 سېكۇنت ئىچىدىلا پۈتۈشۈش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، سوۋۇتۇش ۋە تازىلاش ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى تۈرلىرىدە بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا پۈتۈشۈش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرلىرىدىمۇ 1 مىنۇت 30 سېكۇنتتا 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. 11- نويابىر سائەت 22دىن 55 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، «11- نويابىر جىڭدۇڭ دۇنيا ياخشى نەرسە بايرىمى»دا پۈتۈشۈش سوممىسى 200 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى رېكورت يېڭىلاندى.

  بىر سائەت 3 مىنۇت 59 سېكۇنت ئۆتكەندە، پۈتۈشۈش سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى؛ 16 سائەت 31 مىنۇت 12 سېكۇنت ئۆتكەندە پۈتۈشۈش سوممىسى 213 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى «قوش 11» پۈتۈن كۈندىكىدىن ئېشىپ كەتتى. «قوش 11» باشلانغاندىن كېيىن، تيەنماۋ سۇپىسىمۇ ئۈزلۈكسىز رېكورت ياراتتى.

  سۇنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى 3C تۈرىدە «قوش 11»دىكى پۈتۈشۈش سوممىسى بىر مىنۇتتىلا بىر مىليارد يۈەندىن ئاشتى. بىر سائەت ئىچىدە 55 ديۇيمدىن ئارتۇق چوڭ ئېكرانلىق رەڭلىك تېلېۋىزورنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى 200 مىڭدىن ئاشتى، گېلى، مېيدى، خەيئېر قاتارلىق ماركىلاردىكى ھاۋا تەڭشىگۈچلەر بىر سائەتتە 310 مىڭ يۈرۈش سېتىلدى. سۇنىڭ يىگوۋنىڭ شۇ كۈننىڭ ئالدىدىكى بىر سائەتلىك زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %89 ئاشتى.

  فېنچىلې سودا شەھەرچىسىدە، شۇ كۈنى سەھەردە، 10 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى سودا سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ۋاقىت بۇلتۇرقىدىن يېرىمى قىسقاردى؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرى تۈرىدىكىلەرنىڭ ئالدىنقى بىر سائەتتىكى سودا سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئالتە ھەسسە ئاشتى؛ ئالدىنقى سەككىز سائەت ئىچىدە، 5Gلىق يان تېلېفونلارنىڭ سېتىلىشى ئۇنىڭ كۈندىلىك سېتىلىش سانىدىن ئۈچ ھەسسە ئاشتى، خۇاۋېي يان تېلېفونلىرىنىڭ سودا سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %240 ئاشتى، شەخسىي پەرۋىش بۇيۇملىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ سودىسى ئۈچ ھەسسە ئاشتى.

  جۇڭنەن سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى رەقەملىك ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى پەن خېلىن مۇنداق دەپ قارىدى: 11 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، «قوش 11» ھازىر توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى ھەمدە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مال سېتىۋېلىش بايرىمى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ مال سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنىمۇ زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. ھەرقايسى چوڭ سۇپىلاردا كۆرۈلگەن مۇشۇنداق سودا رەقەملىرىنىڭ ئارقىسىدا، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ھازىر بىر خىل يېڭىچە بايلىق تەقسىملەش ئۇسۇلىغا ئايلانغانلىقى، ھەمدە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە سودا ئەندىزىسىنىڭمۇ ئۆزگەرگەنلىكىدىن ئىبارەت بىر رېئاللىق مەۋجۇت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ