مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇش-ئوقۇتۇش ھەمكارلىقى ئۈچۈن پائال شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

2019.11.12 15:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 11- نويابىر رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

  مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن جاۋابلار تۆۋەندىكىچە :

  سوئال: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى برانستادنىڭ «جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى»گە بۈگۈن يازغان «جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئالىمىز» ناملىق ماقالىسىگە قارىتا جۇڭگو قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋاب: مەن باش ئەلچى برانستادنىڭ بۈگۈن «جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى»دە ئېلان قىلغان ماقالىسىنى ئوقۇدۇم. جۇڭگو-ئامېرىكا ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئالاقىسى ئۇزاقتىن بۇيان ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. زۇڭتۇڭ ترامپ ۋە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى يېقىندا كۆپ قېتىم جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز بۇ قاراشنى قارشى ئالىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ مۇھىمى، بىز ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا ئالاقىدار ئاكتىپ پوزىتسىيەسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇش-ئوقۇتۇش ھەمكارلىقى ئۈچۈن پائال شارائىت يارىتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ