جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىدۇ
2019.10.29 16:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 28-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسى خەن جېڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، قازاقىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى، كومىتېتىنىڭ قازاقىستان تەرەپ رەئىسى ئىسمايىلوف 11-ئاينىڭ 4-كۈنى جۇڭگوغا كېلىپ، خەن جېڭ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ